ئاچ قورساققا سۈت ئىچىشكە، شىزى يېيىشكە بولمامدۇ؟ نۇرغۇن كىشى خاتا چۈشىنىپ قالدى

日期:2023年04月19日
来源:天山网
【字体:

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يېمەك- ئىچمەككە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئۇلار تەمىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققىمۇ ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان بولدى.

ئاچ قورساققا سۈت، قېتىق ئىچىشكە، شاڭجياۋ يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن مىش- مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقىدا بۇ يېمەكلىكلەر ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولدى ياكى ئاۋۋال باشقا نەرسە يەپ، ئاشقازىنىنى ئازراق ئەستەرلىۋېلىپ (ئاچ قورساق ھالەت ئەمەس)، ئاندىن يەيدىغان بولدى.

بۇ مىش- مىش گەپلەر راستمۇ؟ ئاچ قورساق دېگەن زادى نېمە؟ بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ باقايلى.

ئاچ قورساق زادى قانداق ھالەتنى كۆرسىتىدۇ؟

يېمەكلىكنى ئاچ قورساققا يېيىشكە بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئالدى بىلەن «ئاچ قورساق»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاچ قورساق بولۇش ئادەتتە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تاماقنىڭ تۇنجى كاپامىنى يېگەندىن كېيىن، سەككىز سائەت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە قايتا تاماق يېمىگەن ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە «ئاچ قورساق قان ئەۋرىشكىسى» ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ دەل مۇشۇ مەنىدە.

ئەمما، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاچ قورساق بولۇش ئالدىنقى قېتىملىق تاماقنى يەپ بولۇپ 4 - 6 سائەتتىن كېيىن، قورساقنىڭ ئازراق ئاچقانلىقى بىلىنگەننى كۆرسىتىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئاچ قورساققا مەلۇم بىر خىل نەرسىنى يېيىشكە بولمايدۇ، دەپ بىلىۋالغىنى كۆپ ھاللاردا قورساق ئاچقاندا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ دېگەنلىكى.

ئاچ قورساققا ھەقىقەتەن بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمامدۇ؟

1. ئاچ قورساققا سۈت، پۇرچاق سۈتى ئىچىشكە بولمامدۇ؟

ئاچ قورساققا ئاقسىل مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بۇ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولىدۇ، دەيدىغان قاراش بار.

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن كىراخمال تۈرىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئاندىن ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھەقىقەتەن ئاقسىلنىڭ بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. چۈنكى، ئالدى بىلەن كاربون سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىنىپ، ئاقسىلنى مۇسكۇللارنى ساقلاش ۋە بەدەندىكى توقۇلما، ئەزالارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئەمما، كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە لاكتوزا، ياغ قاتارلىق ماددىلارمۇ بار، بۇلار ئالدى بىلەن بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ئاقسىل ئۇنچە تېز خوراپ كەتمەيدۇ.

ئەمما لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئاچ قورساققا سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇلار كالا سۈتىدىكى لاكتوزىنى گىلۇكوزا ھەم گالاكتوزىغا پارچىلىيالمايدۇ، ئاچ قورساققا ئىچكەندە ئاسانلا ئۈچەيدە كۆپ مىقداردا قىسقا زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسى ۋە گاز يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق بىئاراملىق كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئاچ قورساققا قېتىق ئىچىشكە بولمامدۇ؟ شەنجا مېۋىسى، جۈزە يېسە بولمامدۇ؟ چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەرنى ئاچ قورساققا يېگەندە ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ دېگەندەك مىش- مىش گەپلەر تارقالغان.

مېۋە- چېۋە تەركىبىدە گەرچە ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق كۆپ خىل كىسلاتالىق تەركىب بولسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭpH قىممىتى بۇ ئورگانىك كىسلاتالاردىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاچ قورساققا مۇۋاپىق يەپ بەرسە، بىئاراملىق پەيدا قىلمايدۇ.

لېكىن، ئاشقازان كېسىلىگە (مەسىلەن، ئاشقازان ياللۇغىغا، ئاشقازان يارىسىغا) گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەسلىدىنلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاچ قورساققا شەنجا مېۋىسى، جۈزە قاتارلىق چۈچۈمەل مېۋىلەرنى يېيىشكە ئانچە ماس كەلمەيدۇ.

3. ئاچ قورساققا شاڭجياۋ يېيىشكە بولمامدۇ؟

بۇنداق قاراشتىكىلەر شاڭجياۋنىڭ تەركىبىدە كالىي، ماگنىي ئېلېمېنتى بىرقەدەر كۆپ، ئاچ قورساققا يېسە يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىسىز، دەپ قارايدۇ.

ئالدى بىلەن، شاڭجياۋ تەركىبىدىكى بۇ مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى سىز ئويلىغاندەك كۆپ ئەمەس، ماگنىينى مىسالغا ئالساق، 100g شاڭجياۋ تەركىبىدىكى ماگنىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى mg43، ھالبۇكى ماگنىينىڭ كۈندىلىك تەۋسىيە مىقدارى كۈنىگە mg350 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مىنېرال ماددىلارمۇ بەدەنگە ئاستا- ئاستا قوبۇل قىلىنىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە قانغا كىرمەيدۇ.

شۇڭا سىز بىر قېتىمدىلا بىرنەچچە جىڭ شاڭجياۋ يېسىڭىز، ئاندىن بەدىنىڭىزدىكى ماگنىي، كالىي مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، ئەمما بۇنداق ۋاقىتتا سىڭدۈرەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىسىز بەلكىم.

ئەمما، ئەگەر بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان ئاغرىقلار شاڭجياۋنى كۆپ يېمەسلىكى ياكى ئاچ قورساققا يېمەسلىكى كېرەك.

4. ئاچ قورساققا شىزى ياكى شوخلا يېسە، ئاشقازانغا تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇنداق قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.

چۈنكى، شىزى بىلەن شوخلىنىڭ تەركىبىدە مەلۇم دەرىجىدە تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە ئاقسىل، تاماق تالاسى قاتارلىق ماددىلار بىلەن چاپلىشىپ «شىزى تېشى»نى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەمما، شىزى، شوخلا تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسىنىڭ كۆپ قىسمى پوستىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پىشقان شىزى، شوخلا تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ.

شۇڭا، ئاشقازان- ئۈچىيى ساغلام كىشىلەر ئاچ قورساققا ئاز مىقداردا پىشقان، پوستى يوق شىزىنى يېسە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ؛ ئەمما ئاشقازان- ئۈچىيى ياخشى بولمىغان، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولغان كىشىلەر يەنىلا ئاچ قورساققا يېمەسلىكى كېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، نورمال ساغلام كىشىلەرنىڭ ئاچ قورساققا نېمە يېيىشى توغرىسىدا ئۇنچە كۆپ رامكا- قېلىپ بولمايدۇ، مىقدارىنى كونترول قىلىپ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ئادەمنىڭ يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدا پەرق بولىدۇ، ئەگەر سىز يەپ بولغاندىن كېيىن بىئارام بولسىڭىز، ئاچ قورساققا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشتە ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

ئاشقازان ئۆزىنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئاشقازان كىسلاتاسى بىر خىل كۈچلۈك كىسلاتا بولۇپ، زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقسا ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى چىرىتىپ، شىللىق پەردىنى زەخىملەندۈرۈپ، يارا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بەك ئاز بولسا، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن بىر قىسىم يېمەكلىكلەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدا رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، قورساقنى بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئالاھىدە كىشىلەر، مەسىلەن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزراق، ھەزىم قىلىش يولى كېسىلى ياكى دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەر بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئاچ قورساققا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

1. ئاچچىق، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق يېمەكلىكلەر

ئاچ قورساق ھالەتتە زىيادە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان ئاغرىش، تارتىشىپ قېلىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق يېمەكلىكلەرمۇ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى فىزىكىلىق زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ توسۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

2. قەھۋە، قېنىق چاي، ھاراق

قەھۋە ۋە چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ، بولۇپمۇ قېنىق چاي تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، دائىم ئاچ قورساققا ئىچكەندە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ.

ئاچ قورساق ھالەتتە ھاراق ئىچكەندە، بىرىنچىدىن، ئىسپىرت ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسانلا غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىسپىرت تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىنىپ، مەست بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ھاراق دېگەن بۇ نەرسىنى ئاچ قورساققا ئىچمەيلا قالماي، ئادەتتىمۇ ئاز ئاز ئىچىش كېرەك.