ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى: «تۆت بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

日期:2023年04月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىريې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرسۇڭ نىڭ) 4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە 29- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش تەشۋىقات ھەپتىلىكى. 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالىتىشىنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ «تۆت بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇش راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشتىكى ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

«راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاش كېرەك». ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك؛ راك پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلاردىن، مەسىلەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HBV)، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى (Hp)، ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى (HPV) قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر يەنە مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىشى لازىم، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بەش كۈن، جەمئىي 150 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتا بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك. كۈندە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان بەدەن ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 6000 قەدەم مېڭىشى كېرەك. ئامال بار ئۇزاق ئولتۇرۇۋالماي، ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن قوپۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. مۇۋاپىق غىزالىنىشى، كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. ئۆي ئىچىدە بۇلغىمىلارنىڭ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك. كەسپىي جەھەتتىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، زىيادە ئىيونلاشقان رادىياتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك ئاپتاپتا قېلىشتىن ساقلىنىش، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

2023- يىللىق مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش تەشۋىقات ھەپتىلىكى تەشۋىقات ئېلانى (سۈرەتنى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تەمىنلىگەن)

40 ياشتىن يۇقىرى، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا، كېسەللىكنى ياكى كېسەللىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر بايقاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالدۇر ئارىلاشقىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى تاسقاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئۆپكە راكىغا نىسبەتەن، تۆۋەن مىقدارلىق بۇرمىسىمان CTدا تەكشۈرۈش. قىزىلئۆڭگەچ راكى/ئاشقازان راكىغا نىسبەتەن، يۇقىرى ھەزىم قىلىش يولى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش. بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكىغا نىسبەتەن، گەندە يوشۇرۇن قان سىنىقى قىلىش، بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش. سۈت بېزى راكىغا نىسبەتەن، 40- 44 ياشلىقلار سۈت بېزىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش، 45 ياشتىن يۇقىرىلار سۈت بېزىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ۋە مۇبا ئارقىلىق تەكشۈرۈش. جىگەر راكىغا نىسبەتەن، قان زەردابىدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزەكى ئانتىگېنى، قان زەردابىدىكى فېتوپروتىننى تەكشۈرۈش، قورساق قىسمىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش.

سۈن گاۋفېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىش كېرەك: بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىدە بىنورمال مونەك پەيدا بولۇش. بەدەن سىرتىدىكى قارا مەڭ ۋە سۆگەل قاتارلىقلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قېنىقلىشىش ياكى تېز چوڭىيىش. بەدەندە گېلىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، ئاغرىۋاتقاندەك بىنورمال سېزىم ھېس قىلىش. تېرە ياكى شىللىق پەردىسىدىكى يارا ئۇزاققىچە ساقايماسلىق. ئىزچىل ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش. چوڭ ھاجەت قىلىش ئادىتى ۋە گەندىسىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇش ياكى قان ئارىلاش كېلىش. ئۇزاققىچە ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، قۇرۇق يۆتىلىش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش. ئاڭلاش ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، بۇرنى قاناش، بېشى ئاغرىش. جىنسىي يولدىن بىنورمال قان كېلىش، بولۇپمۇ تېگىشمە خاراكتېرلىك قان كېلىش. ئاغرىقنى ھېس قىلماي قان سىيىش، سىيىشى راۋان بولماسلىق. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقى داۋاملىق تۆۋەنلەش.