مەركەز مالىيەسى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۈچۈن 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

日期:2023年04月19日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 17- كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى يېقىندا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنىڭ باھا يۈزلىنىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش قوللىدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى.

بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغانلار بولۇپ، ئۆزى ھۆددە ئالغان يەردىن پايدىلىنىپ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار، ئوبوروت قىلغان يەردە ئاشلىق تېرىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى قاتارلىق يېڭىچە يېزا تىجارەت سۇبيېكتلىرى ھەمدە ئاشلىق تېرىش- يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ قولىغا تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. جايلار ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۇنىۋېرسال بېكىتىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ھەممىباپ كارتا (كىنىشكا)» قاتارلىق ئۇسۇللارنى داۋاملىق قوللىنىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىدۇ.