ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشتا ئۈچ چوڭ «جانغا زامىن قاتىل»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك (1)

日期:2023年04月25日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىسى ئاممىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مۇخبىرنىڭ ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ساھەسىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تېببىي مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشتا ئۈچ چوڭ «جانغا زامىن قاتىل»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك ئىكەن.

ئۆپكە راكىنىڭ يېڭىدىن قوزغىلىشى ۋە ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، قانداق ئەھۋالدا ھوشيار بولۇش كېرەك؟

دۆلەت راك كېسىلى مەركىزىنىڭ 2022- يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى يېڭىدىن قوزغالغان 4 مىليون 64 مىڭ راك كېسىلى ئاغرىقى ئارىسىدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار 828 مىڭ بولغان، راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەن 2 مىليون 414 مىڭ ئادەم ئىچىدە، 657 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار ئىكەن. مەيلى يېڭىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار سانىدا بولسۇن ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىدا بولسۇن، ئۆپكە راكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە، شۇنداقلا ئۆپكە راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆپكە تۈگۈنچىسى بىمارى خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. نۇرغۇن كىشى، ئۆپكە تۈگۈنچىسى ئۆپكە راكىنىڭ بېشارىتىمۇ، دېگەن ئەنسىرەشكە چۈشۈپ قالدى.

شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى جى شيۇيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈزبەرگەن ئورۇنغا ئاساسەن، ئۆپكە راكىنى مەركەز تىپلىق ئۆپكە راكى ۋە ئەتراپ تىپلىق ئۆپكە راكى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئۆپكە تۈگۈنچىسى ئۆپكە راكىغا باراۋەر ئەمەس. تۇنجى قېتىم كۆكرەك قىسمىنى CTدا تەكشۈرگەندە ئۆپكىدە كىچىك تۈگۈنچە بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، بىمارلار بۇنىڭدىن زىيادە قورقۇپ كەتمەسلىكى، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

بېيجىڭ كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ تۇڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككى چوڭ تۈردىكى تۈگۈنچىنىڭ يامان سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، بىر خىلى، 8mmدىن چوڭ بولغان ھەقىقىي تۈگۈنچە، تۈگۈنچە ئەتراپىدا تۈكلۈك تىكەن، ياپراقچە ياكى كۆكرەك پەردىسى تارتىلىپ تۇرغان ئالامەت بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ئارىلاشما زىچلىقتىكى تۈگۈنچە، بۇنىڭدا خىرە ئەينەكسىمان (ئۆپكىدە زىچلىقى ئېشىپ كەتكەن يۇمىلاق شەكىللىك چەكلىمىنى كۆرگىلى بولىدىغان تۇتۇق قىسمىنى كۆسىتىدۇ، خىرە ئەينەكسىمان تۈگۈنچە زىچلىقى خۇددى بىر قەۋەت خىرە ئەينەككە ئوخشايدىغان بىر خىل زىچلىقنى كۆرسىتىدۇ) تەركىب بار ھەم ھەقىقىيلىق تەركىبى %50تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئىچكى قىسمىدا يەنە توملاشقان قان تومۇر بولىدۇ.

جاڭ تۇڭمېينىڭ قارىشىچە، 40 ياشتىن يۇقىرىلار، ئۆپكە راكى جەمەت تارىخى ۋە تاماكا چېكىش تارىخى بار بولغانلار ياكى مۇھىتتا ھەم خەتەرلىك كەسىپلەردە ئاشكارىلىنىش تارىخى بار بولغانلار، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆپكە راكىنى تاسقاپ تەكشۈرتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ، قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئاشقازان ئاستى بېزى راكى يامان سۈپەتلىك بولۇش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان راك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغاچقا، بايقالغاندا كۆپىنچە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى راكى مۇتەخەسسىسى، شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى فېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى، بۇ راك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، كېسەللىك ئاقىۋىتى نىسبەتەن ناچار بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ.

روشەن كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغاچقا، بالدۇر تاسقاپ تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، كېسەللىك ئۆزگىرىش «سىگنالى»نى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش بولسا ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بەدەندە ناچار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئاندىن تەكشۈرتكىلى بارسا، راك كېسىلىنى كونترول قىلىش تەس باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ.

لى فېي مۇنداق دېدى: ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ نۇرغۇن كېسەللىك ئالامىتى دەسلەپكى مەزگىلدىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئاغرىقتا بولىدىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك بولسا ئورۇقلاش ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن بەدەنگە سېرىقلىق چۈشۈشمۇ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، راك پەيدا قىلغۇچى ماددا − نىترىت كىسلاتا تۇزى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. لى فېي مۇنۇلارنى تەكلىپ قىلدى: ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن راك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى كونترول قىلىپ، تاماق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش لازىم. تۇزلانغان يېمەكلىك، ئىسلانغان يېمەكلىك، ئېشىپ قالغان قورۇما، ئېشىپ قالغان تاماقلارنىڭ تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزى بار، شۇڭا بۇلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، يېڭى كۆكتات، يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، زىيادە سېمىزلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق تورى ساغلاملىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(داۋامى بار)