ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشتا ئۈچ چوڭ «جانغا زامىن قاتىل»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك (2)

日期:2023年04月25日
来源:天山网
【字体:

«يېيىش» ئارقىلىق پەيدا بولغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمىگە قانداق دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھازىر خىزمەت، تۇرمۇش رىتىمى تېز، بېسىم ئېغىر، ناچار يېيىش- ئىچىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئاسانلا ھەزىم قىلىش يولىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئۆسمىلەر كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالىدىغان «قاتىل» بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ كېسەللىك ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

بېيجىڭ داشۆسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. ئەگەر ئاغرىش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش قاتارلىق سىگناللار كۆرۈلسە، بۇ، ئۆسمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش شۆبە مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى پېڭ مۇنداق دېدى: بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ھەزىم قىلىش يولى راك كېسەللىكى ئاغرىقلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. «ھازىر، ھەزىم قىلىش ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش بولسا ھەزىم قىلىش يولى راكىنى تەكشۈرۈشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ قالدى.» لى پېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىنى ئاساس قىلغان داۋالاش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى دەسلەپكى راك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش قاتلىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولسا، تۇزلانغان، ئىسلانغان، قاقلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرسە ياكى ئۆسمە جەمەت تارىخى بولسا، ھەممىسى خەتەرلىك كىشىلەر توپى دەپ ئايرىلىدىكەن، ھەمدە 40 ياشتىن باشلاپ ئاشقازان راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدىكەن. «دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاشقازان راكىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، %90تىن ئاشىدۇ.» دېدى جاڭ شياۋدۇڭ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئادەتلەرمۇ ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئۆسمىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بار بولۇپ، يۇقىرى يېمەكلىك تالاسى ۋە كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئۆسمىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش، ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن. (مۇخبىر ۋۇ مېڭدا، شيا كې)

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق تورى ساغلاملىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇر