خاتالاشماڭ | كۆيۈك يارىسىغا بىرنەرسىلەرنى قالايمىقان سۈرمەڭ

日期:2023年05月05日
来源:天山网
【字体:

دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلسىلا، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قوبۇل قىلغان قايناق سۇ كۆيۈكى، كۆيۈك يارىسى ئاغرىقلىرى ئادەتتىكىدىن كۆپىيىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى ئاغرىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان كەپسىز بالىلار. چوڭ كۆلەمدە كۆيۈپ، قايناق سۇ تۆكۈلۈپ يارىلانغاندا، كۆپچىلىك دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما قىزىپ كەتكەن تۆمۈر قازانغا تېگىپ كەتكەندە ياكى ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ قاپىرىپ قالسا، كۆپچىلىك مۇنداق قورقۇنچلۇق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ: بىر پارچە مۇزنى يارا ئېغىزىغا بىۋاسىتە سۈركەپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ چىش پاستىسى، جياڭيۇ، سالقىنلىتىش مېيى، ھايۋانات مېيى سۈركەيدۇ؛ سۇلۇق قاپارتمىنى يىڭنە سانجىپلا تېشىۋېتىدۇ؛ يارا ئېغىزىغا دورىلىق چاپلاق چاپلايدۇ... يۇقىرىقى بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى خاتا!

    قايناق سۇ كۆيۈكى، كۆيۈك يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى:

  كۆيۈپ، قايناق سۇ تۆكۈلۈپ يارىلانغاندىن كېيىن، ئىسسىقلىق مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇش، كۆيگەن، قايناق سۇ تۆكۈلگەن كىيىملەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سېلىۋېتىپ، يارا ئېغىزىنى ئوچۇق قويۇش كېرەك. ئەگەر كۆيگەن، قايناق سۇ تۆكۈلگەن جايغا كىيىم چاپلىشىپ قالغان بولسا، تارتقۇشلاپ ئاجرىتىۋەتمەي، قايچا بىلەن كىيىمنى ئاۋايلاپ كېسىش ياكى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

  ئېقىۋاتقان تۇرۇبا سۈيى بىلەن يارا ئېغىزىنى 20 - 30 مىنۇت يۇيۇش لازىم، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10 - ℃20 بولسا بولىدۇ، ℃8تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  تۇرۇبا سۈيى بىلەن چايقىغاندىن كېيىن، ئەگەر قايناق سۇ تۆكۈلۈپ يارىلانغان تېرە مۇكەممەل بولۇپ بۇزۇلمىغان بولسا، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار ئالۇي يېلىمىنى يارىلانغان ئورۇنغا سۈرسە بولىدۇ.

  دىققەت: بۇ يەردە بىزنىڭ دېگىنىمىز مەخسۇس ياسالغان ئالۇي يېلىمى، ئۆيدىكى تەشتەكتىن ئىككى تال ئالۇينى يۇلۇپ ئېلىپ ئىشلىتىش ئەمەس، مەخسۇس تەييارلانمىغان ئالۇي رېئاكسىيە قىلىشى، يەنە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

  قايناق سۇ تۆكۈلۈپ كۆيگەندە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان داكا بىلەن تېڭىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر سۇلۇق قاپارتما كىچىك بولسا، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر سۇلۇق قاپارتما بىرقەدەر چوڭ بولسا، سۇلۇق قاپارتمىنى ھەرگىز تېشىۋەتمەسلىك لازىم، مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ، مىكروبسىز دېزىنفېكسىيەلەنگەن مۇھىتتا تۆۋەن ئورۇندىن ئېقىتىۋېتىش كېرەك.

  دىققەت: ئەگەر گاز ئوچاق پارتلاش، ماي قازىنىغا ئوت كېتىپ پارتلاش قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز پەيدا بولغان ئەھۋالدا، پۈتۈن بەدەن ئېغىر زەخىملەنمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا چوقۇم قىزىق ھاۋانى سۈمۈرۈپ، نەپەسلىنىش يولىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان- چىقارمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  نەپەسلىنىش يولىنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى نەپەسلىنىش يولى توسۇلۇش بولۇشى ناتايىن، يۇتقۇنچاق- كېكىردەك قىسمىدا قىزىش، سانجىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىشىپ، ئەجەللىك زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.