خاتالاشماڭ | كېسىك زەخمىسىگە ئۇن، ئىسرىق كۈلى، توپا سېپىپ قاننى توختاتقىلى بولمايدۇ

日期:2023年05月05日
来源:天山网
【字体:

كېسىك زەخمىسىگە ئۇن، ئىسرىق كۈلى، توپا سېپىپ قاننى توختاتقىلى بولمايدۇ

كېسىلىپ زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئۆيدىكى ياشانغانلار بىرىنچى بولۇپ «يارا ئېغىزىغا ئازراق ئىسرىق كۈلى سېپىش كېرەكمۇ- يوق؟» دېگەننى ئويلايدۇ، ئىسرىق كۈلى بولمىسا، يەردىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ چېچىپ قويىدۇ ياكى ئاشخانا ئۆيدىن ئازراق ئۇن ئېلىپ چىقىپ سېپىدۇ... كىشىنى ئالدايدىغان بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

ھەرقانداق تالقان دورىنىڭ ھەممىسى يارا ئېغىزىدىكى توقۇلمىلار قوبۇل قىلالمايدىغان يات ماددا بولۇپ، يارا ئېغىزىغا سۈركەلسە، ياللۇغلۇق رېئاكسىيەنى كۈچەيتىپ، بىخلىما گۆش ئۆسمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىسرىق كۈلى، توپا دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغاچقا، يارا ئېغىزىغا سۈركەلسە ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان بۇلغىنىش پەيدا قىلىپ، يارا ئېغىزىنى تازىلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يارا ئېغىزىنى يۇقۇملاندۇرۇپ يىرىڭلىتىۋېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىكى باكتېرىيە قانغا كىرىپ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە بارسا، يەنە قان چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، ئادەتتىكى تۇپراقتا تېتانۇس موكىسىمان باكتېرىيەسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۆزىنى ئۆزى «زەھەرلىگەنلىك» بولىدۇ.

كېسىلىپ يارىلانغاندىن كېيىنكى توغرا مەشغۇلات مۇنداق بولىدۇ:

1. يېنىك كېسىلىپ زەخىملەنسە

قان ئاستا- ئاستا سىرغىپ چىقىدۇ، رەڭگى تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئادەتتە قىل قان تومۇرلار ياكى يۈزە ۋېنالار قانايدۇ، كېسىلگەن ئورۇننى 5 - 10 مىنۇت بېسىش ياكى دورىلىق چاپلاق ئىشلىتىش ئارقىلىق قاننى ئۈنۈملۈك توختاتقىلى بولىدۇ.

2. بىرقەدەر چوڭقۇر كېسىلىپ زەخىملەنسە

قان بىرقەدەر كۆپ ئاقىدۇ، رەڭگى ئوچۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئادەتتە كىچىك ئارتېرىيەدىن قان چىقىدۇ، بارماق بىلەن يارا ئېغىزىنىڭ يۈرەككە يېقىن ئۇچىنى بېسىش ياكى يېنىدىن ئېرىشكىلى بولىدىغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئاددىي بېسىم بىلەن تېڭىپ قان توختىتىش (يارا ئېغىزىنى قان چىقمىغىچە سىجىل بېسىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ)، ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېيىنكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

تاڭغاندا، يارا ئېغىزىنى پاكىز داكا ياكى قول ياغلىق، لۆڭگە قاتارلىقلار بىلەن بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن داكا ياكى ئۇزۇنچاق رەخت تۈرىدىكى نەرسىلەر بىلەن بەلگىلىك بېسىم بېرىپ، يارا ئېغىزىنى ھالقىسىمان ياكى بۇرمىسىمان تېڭىش كېرەك.

3. يارا ئېغىزى چوڭ، چوڭقۇر بولسا، قان توختىمىسا

ئەگەر يارا ئېغىزى چوڭقۇر بولۇپ، قان كۆپ چىقىپ كەتسە، باسقاندىن كېيىنمۇ قان توختىمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قان توختىتىش بوغقۇچى بىلەن قان توختىتىشقا بولىدۇ.

قولدىن قان چىقسا ئادەتتە يۇقىرىقى بىلەكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا باغلىنىدۇ، پۇتتىن قان چىقسا ئادەتتە يوتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا باغلىنىدۇ. باغلىغاندا قان توختىتىش بوغقۇچى بىلەن تېرە ئارىسىغا قاتلانغان لۆڭگىنى قىستۇرۇش، تېرىگە بىۋاسىتە باغلىماسلىق كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قول- پۇتنىڭ يىراق ئۇچىغا ئۇزاق ۋاقىت قان يېتىشمەي نېكروزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم بوغۇش ۋاقتىنى خاتىرىلەش، ھەربىر سائەتتە 3 - 5 مىنۇت بوشىتىش كېرەك.

4. پاكىز بولمىغان جىسىم تەرىپىدىن كېسىلىپ زەخىملەنگەندە

ئەگەر پاكىز بولمىغان بامبۇك زىخچە، ئەينەك پارچىسى، مىخ قاتارلىقلار تەرىپىدىن كېسىلىپ زەخىملەنگەندىن كېيىن، قان توختىتىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە قاتما ئانتىتوكسىنى ياكى قاتما ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى ئىشلىتىپ پاسسىپ ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش- بارماسلىقنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنى سىز ئويلاشمايسىز، دوختۇر سىزگە ياردەم قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى