ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى: بالىلارغا پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش جەدۋىلى بويىچە ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك

日期:2023年04月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىريې شياۋمىن،ئىختىيارىي مۇخبىرسۇڭ نىڭخەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 37-قېتىملىق «مەملىكەتلىك بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش كۈنى»، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى، ۋاكسىنا ئەملەش يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل،بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئائىلە باشلىقلىرى پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش جەدۋىلى بويىچە بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىىتىشى كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پېيشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ كېسەللىك مەنبەسىدىن يۇقۇملىنىشقا قارشىئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس ئاسانلا يوچۇق تېپىپ كىرىۋالىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭكېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى»دىكى پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئالاھىدىلىكى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بولۇپ، پىلانلىق ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: ۋاكسىنا ئەملىتىشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

1. كىنىشكىلەرتولۇق بولۇش: ئەملىتىشتىن ئىلگىرى «ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى»نى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش، بالىلارنىڭ ھامىيسى كىملىك ئېلىۋېلىشى كېرەك.

2. پاكىز، سالقىن بولۇش: بالىنىڭ بەدىنىدىكى ۋاكسىنا ئەملەيدىغان ئورۇننىڭتېرىسى پاكىز بولۇش، بەدىنى سالقىن بولۇش. بالىلارغا ئازادە، ئاسان كىيگىلى-سالغىلى بولىدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈش، ئەملەيدىغان ئورۇننى ئېچىشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك.

3. بەدەن ساغلاملىقى: ۋاكسىنا ئەملىتىشتىنبۇرۇن، ئاتا-ئانىلار ۋاكسىنائەملىتىدىغان بالىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئەملەشتىكى چەكلىمىلەر قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، ئېنىق بولمىغان ئىشلار بولسا ۋاكسىنا ئەملىگۈچى دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىمزا قويۇپ ئەملىتىش كېرەك.

4. قالدۇرۇپ كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش: ۋاكسىنائەملىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق قالدۇرۇپ كۆزىتىش، بالىلارنىڭ ساغلاملىق ھالىتىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش، بىنورماللىق بايقالسىلا، دوختۇرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ داۋالىتىشكېرەك.

5. مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش: ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلارنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش، مايسىز غىزالاندۇرۇش، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇننىڭ پاكىز ۋە قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىك ئورۇننىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشكېرەك.

6. ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنكىئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىدىن ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز. بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن قىزىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئادەتتە كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولسا، ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

ۋاڭ پېيشېڭ مۇنداق ئەسكەرتتى:ئەگەر بالىلارداۋاكسىنا ئەملىتىشتىنبۇرۇن بىئارام بولۇش، روھىي كەيپىياتى ناچار، ياكى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بەدەن ساغلام بولغاندا ئاندىن ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا،پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش جەدۋىلىگە ئاساسەن ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك.