ئاشقازىنىڭىزنى چۈشىنەمسىز | ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر چاي ئىچسە بولمامدۇ

日期:2023年05月04日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، دائىم ئوبدان غىزالانمايدۇ، يېمەك-ئىچمىكى قانۇنىيەتلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قىسىم ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى بولغاچقا، كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ئاشقازىنىدا ئۇنداق- مۇنداق مەسىلىلەر بولىدۇ. ئاشقازاننى قانداق ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس بەزى كىشىلەرنىڭ «مەن چاي ئىچسەم بولمايدىكەن، خەقلەر چاي دېگەن ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ، سىزگە زىيان قىلىدۇ، دەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

ئۇنداقتا، ئاشقازىنىدا «دەردى» بار كىشىلەر چايدىن ئادا-جۇدا بولۇپ كېتىشى كېرەكمۇ؟

ئۇنداق ئەمەس. ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، بۇ، ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر چاي ئىچسە بولمايدىغان يېرى يوق، پەقەت چاينى توغرا ئىچىشى كېرەك. ئۇنداقتا، چاينى قانداق قىلغاندا توغرا ئىچكىلى بولىدۇ؟

ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يېشىل چاينى ئاز ئىچىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، «قېنىق چاي»دىن يىراق تۇرۇش كېرەك. قېنىق چاي تەركىبىدە كوففېئىن، تېئوفىللىن قاتارلىقلار كۆپ بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى روشەن غىدىقلايدۇ، دائىم ئىچكەندە ياللۇغ، قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، شەلۋەرەش، ھەتتا ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان- قىزىلئۆڭگەچ كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىدىن، ئاشقازان ياخشى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى يېشىل چاينى ئاز ئىچىش كېرەك. يېشىل چاي ئېچىتىلمىغان بولىدۇ، چاي تەركىبىدىكى پولىفېنولنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى روشەن غىدىقلاش رولىغا ئىگە.

ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى چايغا بېرىلمەسلىك كېرەك، يېڭى چاينىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلانمىغان پولىفېنول، ئالكوگول تۈرىدىكىلەر كۆپ بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشى ئوخشاشلا بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.

يەنە، چاينى ئاچ قورساققا ئىچمەسلىككە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى تېخىمۇ قاتتىق غىدىقلايدۇ، يەنە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.