ئۈرۈمچىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىس سىزگە ئىشخانىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيەلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىشخانىلارنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيەلىگىلى بولىدۇ؟ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە كېسەل ۋاسىتىسى جانلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى گوچىڭ ئالاقىدار ئەسكەرتمىلەرنى كۆرسەتتى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىشخانا بىنالىرىدا ھەركۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا قول كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئىشىك تۇتقۇچى، چىراغ كەيگۈەنى، ئۈستەل-ئورۇندۇق قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئاممىۋى ھاجەتخانا، لېفىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.

لى گوچىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىشخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە رېمونت قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش كېرەك. مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار قېلىپلاشتۇرۇلغان تەلەپ بويىچە قەرەللىك ھالدا شامال چىقىرىش ئېغىزى، شامال قايتىش ئېغىزى قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار ئەسلىھە ۋە زاپچاسلارنى يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك. يەنە مۇلازىمەت سۇپىسى، ھەق ئېلىش ئورنى، لېفىتنىڭ يېنى، ئاشخانا، يىغىن زالىنىڭ ئىشىك ئالدى قاتارلىق جايلاردا يۇيۇۋەتمىسىمۇ بولىدىغان قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، سىرتتىن كەلگەنلەر ۋە خىزمەتچى خادىملارنى قولىنى ۋاقتىدا پاكىزلاشقا ئەسكەرتىش كېرەك.

لى گوچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىشخانىلاردا ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كۈندە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىم 30-20 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ لېفىت كۇنۇپكىسى، ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، ئاممىۋى تېلېفون، ھاجەتخانا دېزىنفېكسىيەلەشتىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئادەملەر كۆپ كىرىپ-چىقىدىغان ئۆي ئىچى مۇھىتى، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئاممىۋى ئورۇندۇق قاتارلىق بۇيۇملارغا قارىتا، تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، كۈندە قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك ھەم دېزىنفېكسىيەلەش خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇش كېرەك.

شەخسلەرنىڭ ئىشخانىدىكى كومپيۇتېرى، كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇسىغا قارىتا لى گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلارنىمۇ كۈندىلىك تازىلاشنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، زۆرۈر بولغاندا تازىلىق ھۆل قەغىزى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى پول، قول يۇيۇش كۆلچىكى، ھاجەت تۇڭى قاتارلىقلارنى خىلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى ياكى باشقا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈپ ياكى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن قالدۇقلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك.

لى گوچىڭ يەنە مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىشخانىدا بىخەتەر، ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى توردا ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىدا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى سەپلىگەن ۋە ئىشلەتكەندە، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش، زۆرۈر بولغاندا ماسكا ۋە پەلەي تاقاش كېرەك.

لى گوچىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ چىرىتىش ۋە ئاقارتىش رولى بولۇپ، ئاسان چىرىيدۇ، بۇيۇملارنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرۈۋېتىدۇ، بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك؛ سىرتقى يۈزىدىكى بۇلغانمىلار دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، دېزىنفېكسىيەلەشتىن بۇرۇن پاكىز تازىلاش كېرەك.