ئوغۇل بالا ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىۋېتىپ، ئاچچىقلانغانلىقىدىن پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى! تورداشلار: يەنە ساۋاق ئالغان بىر كۈن بولدى،دېيىشتى

日期:2022年07月25日
来源:天山网
【字体:

7- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىزاڭ لاسادىكى بىر ئائىلە باشلىقى بالىسىنى شىزاڭ پىلانېتا ئاسترونومىيەسىنى ھېس قىلىش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپاردى. ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقاندا، بالا سارايدا قويۇلۇۋاتقان كۆرسەتمە سىندىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىدە خاتالىق بارلىقىنى بايقاپ، بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن ئاچچىقلانغان ھالدا مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى:

سىندىكىسى چاڭجېڭ 3- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئەمما ئاسترونومىيە ھېس قىلىش سارىيى ئۇنى چاڭجېڭ 5- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا دەپ يېزىپ قويۇپتۇ

چاڭجېڭ 5- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئاجرىلىش تەرتىپىنىمۇ خاتا چۈشەندۈرۈپتۇ، چاڭجېڭ 5- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى ئىككى بوغۇملۇق راكېتا دەپ قاپتۇ

……

بۇ كۆرۈنەرلىك خاتالىقلار

بالىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان

ئۇ سۆزلە- سۆزلە

ئاچچىقلانغانلىقىدىن پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالغان

بۇ سىن تارقىتىلغاندىن كېيىن قىزغىن ئىزدەش تېمىسىغا ئايلانغان

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئەسى پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى

ئاخبارات تەشۋىقات مەركىزى

@ جۇڭگو ھەربىي سانائىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ:

كىچىك دوست بەك كەسپىي ئىكەن

كۆرگەزمە سارىيى ھەقىقەتەن خاتا قىلىپ قويۇپتۇ، دېگەن

ئىنكاس رايونىدا

نۇرغۇن تورداش:

يەنە كىچىك بالىدىن ساۋاق ئاڭلىدۇق، دېيىشكەن

يەنە بەزىلەر :

كۆرگەزمە سارىيى تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، دېيىشكەن

ئاسترونومىيە سارىيى ئىنكاس ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوغۇل بالىنىڭ خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان، دەرھال تۈزىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈزبېرىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتقان.