يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتمىگەن ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا مۇداپىئەنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟

日期:2022年05月20日
来源:人民日报
【字体:

 نۆۋەتتە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تېخى ئەملەتمىگەن بولسا

ئىممۇنىتېتتىكى بۇ بوشلۇققا قارىتا

مۇداپىئەنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟

بۇ تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋېلىڭ!

● ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر ياكى قارىغۇچىلار يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، شەخسىي تازىلىق ئادىتىگە دىققەت قىلىشى، كۈندىلىك ساغلاملىقنى كۆزىتىش-ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلىشى، ماسكا تاقىشى، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشى، بالىلارغا قاراپ چۈشكۈرمەسلىكى، يۆتەلمەسلىكى كېرەك.

● بالىلارغا مەخسۇس كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلىتىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر ياكى قارىغۇچىلار بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتى، جۈملىدىن دائىم قول يۇيۇش، قالايمىقان تۇتماسلىق، قولنى ئېغىزىغا سالماسلىق، بۇرنىنى كولىماسلىق، كۆزىنى ئۇۋۇلىماسلىق قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

● بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ۋەسىيلىرى، قارىغۇچىلىرى، بىللە تۇرۇۋاتقانلار ھەمدە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلار پۈتۈن جەرياندا ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولۇشى كېرەك، بۇ، ھەم ئۆزىنى قوغدىغانلىق، ھەم بالىلارنى قوغدىغانلىق.

● بالىلار نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان مەزگىلدە، ئىمكانقەدەر سىرتقا ئاز ئېلىپ چىقىش، ئەگەر سىرتقا ئېلىپ چىقىش توغرا كەلسە، ماسكىسىنى توغرا تاقاش كېرەك.

● يىغىلىشنى ئازايتىش، جۈملىدىن شەخسىي سەپەرنى ئازايتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا ۋە يېپىق ئورۇنلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش كېرەك. بالىلارنىڭ دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش ياكى ۋاكسىنا ئەملىتىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قولىنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك.

● سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر ياكى قارىغۇچىلار مۇساپىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئادەم ئاز، شامال ياخشى ئۆتۈشىدىغان جاينى تاللاپ ئوينىتىش؛ سىرتقا چىققاندا، بالىلارنىڭ ئاممىۋى نەرسىلەرنىڭ يۈزىنى بىۋاسىتە قولىدا تۇتۇشىدىن ساقلىنىش، تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن قولىنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك.

● ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر ياكى قارىغۇچىلار بالىلارنى كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىشقا يېتەكلەپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئىلمىي ھەرىكەت قىلىپ، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، دەم ئېلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

● ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر، قارىغۇچىلار ھەمدە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلاردا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، گېلى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئىمكانقەدەر بالىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

● بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىنى پاكىز تۇتۇش، ئىشىك ۋە دېرىزىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىپ، يېڭى ھاۋادا يېتەرلىك شامالدىتىشىقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزاق تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

● يۇقۇم تارقالغان مەزگىلدە، ئاتا-ئانىلار، ۋەسىيلەر ياكى قارىغۇچىلار ھەمدە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلار شۇ جاي قوللانغان يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ياخشى ماسلىشىشى كېرەك.

بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن

ئورتاق تىرىشايلى!