«داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىز چەكلەندى؟» بۇنداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىڭ!

日期:2022年05月20日
来源:人民日报
【字体:

 يېقىنقى مەزگىلدە

بەزى شەھەر ئاھالىلىرى بىر [12333]دىن باشلانغان قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ،

توردا ئۇچۇرنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈپ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى قوزغىتىش تەلەپ قىلىنغان

بۇ زادى راستمۇ يالغانمۇ؟

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورىدا

بۇ خىل ئۇقتۇرۇشنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتمىگەنلىكى توغرىسىدا كەسكىن بايانات ئېلان قىلدى

ئالدامچىلىق قىلىدىغان تور بېكەتلەر يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدۇ

كىملىك ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ

[12333] سىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىز چەكلەندى، 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن بۇرۇن j.y32K.club تورىغا چىقىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇقلاپ تولدۇرغاندىن كېيىن قوزغاتسىڭىز بولىدۇ!

 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، جېڭ ئەپەندى يۇقىرىقىدەك قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ ئەسكەرتىش بويىچە، قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلىنىشنى چېكىشىگە، دەرھال بىر ئۇقتۇرۇش پەيدا بولدى. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، كەڭ ئابۇنىچىلار يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ ئېلىۋېلىڭلار، ۋاقتىدا بېجىرىپ ئېلىۋالمىغان ئابۇنىچىلارنىڭ كونا نۇسخىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ، سىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقىمىزنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمىز! دەرھال بېجىرىۋېلىڭ».

 «دەرھال بېجىرىش»نى باسقاندىن كېيىن، دەرھال «دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى» دېگەن خەت بار تور بېكىتى ئېچىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللىشى تەلەپ قىلىنغان.

جېڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىسقا ئۇچۇر 6400-7936-8210+ دېگەن نومۇر ئارقىلىق يوللانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «تېلېگراف ئالدامچىلىقى»غا ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمانلانغان.

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى

بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتمىدۇق

مۇخبىر دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىغا چىقىپ، بۇ ئىدارىنىڭ ئۆزىنىڭ باش بېتىدە قاڭقىما كۆزنەك شەكلىدە كەسكىن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردى: «يېقىندا، بەزى ئامما قىسقا ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئۇچۇردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئىسچوتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ يەردە بىز كەسكىن بايانات ئېلان قىلىمىز: ئىدارىمىز قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى ئەۋەتمىدى، ئىدارىمىزنىڭ ئورگان تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى بىردەك nhsa.gov.cn بولۇپ، باشقا ئادرېسلارنىڭ ھەممىسى ساختا».

نېمە ئۈچۈن «تېلېگراف ئالدامچىلىقى» قىسقا ئۇچۇرلىرىنى چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ؟

 «تېلېگراف ئالدامچىلىقى» قىسقا ئۇچۇرلىرى نېمە ئۈچۈن چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ؟ خۇبېي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىدە نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئۆزگەرتىلىدۇ، بەزىلىرىدە كۆپ ئاۋازلىق، ئاھاڭداش، خاتا خەتلەر ئىشلىتىلىپ ئۇچۇر يوللىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىستېما پەرقلەندۈرەلمەي ئۇچۇرلارنى توسۇيالمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش، ھېسابات يۆتكەپ پۇل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان تېلېفونى ياكى قىسقا ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلسا، چوقۇم مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.