پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟

日期:2022年05月11日
来源:天山网
【字体:

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟ ياق، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەڭ بوشلۇق بار

«14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىسلاھات بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ مۇخبىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە كىچىك قەدەم بىلەن تەڭشەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ

بەزىلەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدۇ، دەپ قارىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن يۇرت باشلىقى مو رۇڭ مۇنداق دېدى: تۇرغۇن ھالەتتىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بەلگىلىك زەربە بولىدۇ. ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش كۆپەيسە، بوشىتىلىدىغان ئىش ئورنى تەبىئىي ئازىيىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېشى چوڭ ئەمگەكچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار تېخىمۇ زور رىقابەت بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. «لېكىن بۇنداق زەربە چەكلىك، كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قىسقارتمايدۇ.»

ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ سانى ئۇدا سەككىز يىل ئازىيىپ، ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىگەن. «14- بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش مۇساپىسى يەنىلا كۈچىيىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق تۇغۇلۇش يۇقىرى پەللىسىدىكى نوپۇس (1962- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە) ياشانغانلار مەزگىلىگە كىرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى يەنىمۇ كۆپىيىدۇ، «بىرى ئۆسۈپ، بىرى تۆۋەنلەيدۇ»، ھازىرقى پېنسىيەگە چىقىش يېشى سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، كەلگۈسىدە ھەتتا ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، چوڭ ياشلىق ئەمگەكچىلەر بىلەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنىڭ ئالمىشىشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس. «ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە باغلىق بولىدۇ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بىلەن ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلىگىلى بولامدۇ-يوق؟» مو رۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا، بولۇپمۇ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەڭ بوشلۇق يارىتىلىدۇ.

«بۇنىڭدىن باشقا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىدا كىچىك قەدەم بىلەن تەڭشەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئەگەر ھەر يىلى بىر نەچچە ئاي ياكى ھەر بىر نەچچە ئايدا بىر ئاي كېچىكتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، ھەر يىلى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى كۆپ بولمايدۇ، ھەتتا ھەر يىلى ئازىيىپ كەتكەن ئەمگەك كۈچى بىلەن يېيىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياشلارنىڭ ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.» دېدى جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات- تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ يۇرت باشلىقى چى فۇلىن.

يېشى چوڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك

چى فۇلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇكەممەل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورناتتى، يېشى چوڭ ئىشسىزلارغا قارىتامۇ مۇناسىپ كاپالەت تەدبىرلىرى بار.

جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى زېڭ شياڭچۈەن مۇنداق قارىدى: يېشى چوڭ ئەمگەكچىلەر نەچچە ئون يىللىق خىزمەتتە چېنىقىش ئارقىلىق، چوڭقۇر تەجرىبە، تېخنىكا جۇغلانمىسى ھازىرلاپ، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى. شۇڭا، يېشى چوڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاددىي ھالدا كارخانىنىڭ تەننەرخى ۋە يۈكى دەپ قارىماسلىق كېرەك. «خەلقئارا تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش يېشى چوڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە، <ياشانغانلار ئىقتىسادى>نىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ياشانغان ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇ ئارقىلىق ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلار ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئوخشاشلا كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.»

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈپ، داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇش پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ

مو رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى ھېسابلاپ تارقىتىشتا ناھايىتى كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بار، پېنسىيەگە چىققاندا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بىر يىل ئارتۇق تاپشۇرۇلسا، پېنسىيەگە چىققان چاغدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى 1 پىرسەنت پوئېنت ئۆسىدۇ؛ بىر يىل كېچىكىپ پىنسىيەگە چىققاندا، شەخسىي ئىسچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش ئاي سانى ئازىيىدۇ، شەخسىي ئىسچوتتىكى جۇغلانما سومما بىر يىللىق ھېساباتقا كىرگۈزۈش ئۆسۈم نىسبىتىدىن كۆپ بولۇپ، ئايدا ئالىدىغان سوممىسى كۆپىيىدۇ؛ ھەق تاپشۇرۇش ۋە ھېسابلاپ تارقىتىش تۈپ سانى كۆپەيگەنلىكتىن، تەمىناتنىڭ تەڭشىلىشىمۇ مۇناسىپ كۆپىيىدۇ.

«پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈپ، داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇش پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.» مو رۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ۋاقتى ئۇزارسا، شەخسلەرنىڭ ئەمگەك مەزگىلىدىكى مائاش كىرىمى ئاشىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شەخسلەرگە پايدىلىق.