ئەتىگەنلىك چېنىقىش قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

日期:2022年05月11日
来源:天山网
【字体:

ئەتىگەنلىك چېنىقىش قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

نۇرغۇن كىشى ياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىش قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ ئەمدى يورۇغاندا ھاۋا ساپ بولمايدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پايدىسىز. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياز پەسلى سائەت 6دىن بۇرۇن ھاۋادىكى بۇلغىمىلار ئاسان تارقالمايدىغان بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئىكەن. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن فوتوسىنتېز رولى بولمىغانلىقتىن، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەتراپىدىمۇ ھېچقانچە يېڭى ئوكسىگېن بولمايدىكەن. شۇڭا، ياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىش ۋاقتى سائەت ئالتىدىن بۇرۇن بولسا بولمايدۇ.