كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىشى بۇزۇلغان نەرسىلەرنى يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

日期:2022年04月12日
来源:天山网
【字体:

پىتنە- ئىغۋا: كىچىك بالىلاردا ئىچى سۈرۈش كۆرۈلسە، چوقۇم بۇزۇلغان نەرسىلەرنى يېگەنلىكتىن بولىدۇ

رەددىيە: كىچىك بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئاناتومىيەلىك، فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك بولغاچقا، بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى نورمال باكتېرىيەلەر توپى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، باكتېرىيەلەر توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، يېمەك- ئىچمەك ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈش بۇنىڭ ئىچىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈش − يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئامىللار ۋە يۇقۇمسىز ئامىللاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سەۋەبتىن بولىدۇ.

يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئامىللار ئۈچەي يولى ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش، ئۈچەي يولى سىرتىدىكى يۇقۇملىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچەي يولى ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشنى ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالدىدىكى ئىككىسى كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ۋىرۇس، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، ئاچچىق ئۈچەي ئەگمەچ باكتېرىيەسى ۋە سالمونېللا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش تىزىقسىمان باكتېرىيە، ئەگرى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بوۋاقلاردا ئاق رەڭلىك تىزىقسىمان زەمبۇرۇغلۇق ئۈچەي ياللۇغى دائىم كۆرۈلىدۇ، پارازىت قۇرت ئاميوبا پىروتوزوئا ۋە يوشۇرۇن سپورىلىق قۇرت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈچەي يولى سىرتىدىكى يۇقۇملىنىشمۇ ئۆپكە ياللۇغى، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئانتىبىيوتىكلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىچ سۈرۈشكە، مەسىلەن، كۆپ خىل تەسىر كۆرسىتىدىغان ئانتىبىيوتىكلارنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

يۇقۇمسىز ئامىللار تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. يېمەك- ئىچمەك ئامىلى. بالىلارنى بېقىش مۇۋاپىق بولمىسا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك مىقدارى مۇۋاپىق بولماسلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش، ئۈچەي يولىنى غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ كالا سۈتى ياكى دادۇردىن ياسالغان يېمەكلىكلەرگە زىيادە سېزىمچانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈشكىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

2. كىلىمات ئامىلى. مەسىلەن، ھاۋا رايى تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە، بالىلارنىڭ قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئېشىپ كېتىدۇ، ياكى ھاۋا بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئازىيىپ، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئاتا- ئانىلار ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىچى سۈرۈپ قالغان، ئەمما قىزىمىغان بالىلارغا مايسىز ئۇماچ، ئۈگرە ۋە ماي ئاز قورۇما قاتارلىق ئاددىي يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا، ئۈچ ياش ئىچىدىكى بالىلارغا تاماقنى ئاز بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان ھەم قىزىغان بولسا، دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە چاقسىمان ۋىرۇسنى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ تەرىتى سۇ ئارىلاش ياكى سېرىق سۇيۇق كەلسە ، تەرىتىنى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسەن نورمال بولسا، ۋىرۇسلۇق ئۈچەي ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلاردا تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناچار بولۇش، كۆزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، ئېغىزى قۇرۇش، ھەتتا روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىلاردا سۇسىزلىنىش كۆرۈلگەن- كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بىز دائىم كۆرۈلىدىغان ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرىنى ئىگىلەپ، بالدۇر بايقاپ داۋالىساق، بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپ، ئېغىر دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. ھەر بىر بالىنىڭ بالىلىق دەۋرىنى خۇشال- خورام ھەم ساغلام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.