ھەر كۈنى ئالتە مىنۇت سەكرەپ بەرگەندە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

日期:2022年04月07日
来源:中国维吾尔语广播网
【字体:

يېقىندا ئەنگلىيە مانچېستېر داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە مىنۇت، يەنى 30 قېتىمدىن سەكرەپ بەرگەندە، سۆڭەك زىچلىقىنى ھەر يىلى 2% ئاشۇرۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ۋە كۈچىنىشچانلىقىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۆڭەكمۇ چۈرۈكلىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، ھەتتا سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تەتقىقاتچىلار 14 نەپەر 50 ياشتىن يۇقىرى ئايالغا سىناق ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتۈر يۆنىلىشتە سەكرىگەندە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، يەنە باشقا خىل سەكرەش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئېگىزلىك ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈش. پەقەت پۇت ۋە بىلەك مۇسكۇللىرىغا بېسىم ئىشلەتكەندىلا سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.