دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى: يان تېلېفوننى يەنە ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىۋاتامسىز؟ بۇ ئالتە ئىش سىزنى ياخشى ئۇخلىتىدۇ

日期:2022年04月03日
来源:天山网
【字体:

 يان تېلېفوننى يەنە ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىۋاتامسىز؟ بۇ ئالتە ئىش سىزنى ياخشى ئۇخلىتىدۇ  

خەيرلىك كەچ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ

يان تېلېفوننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش

ئاللىقاچان ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى

  يان تېلېفون ئويناش %59.7

  بېسىم %59.5

  خىزمەت ۋە دەم ئېىشى تەرتىپسىز بولۇش %30.9

  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش %22.7

  مۇھىت ئامىلى %18.9

  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش %8.7

  بەدەن ئامىلى %8.5

  ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار جەدۋىلى

  2021-يىلىدىكى500 مىڭ ئۇيقۇ سانلىق مەلۇماتى ۋە 1833 پارچە ئۈنۈملۈك خەلق رايىنى سىناش قەغىزىنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەۋرىشكە يېشى 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: جۇڭگو دوختۇرلار جەمئىيىتى ئۇيقۇ تېبابىتى كەسپىي كومىتېتى

  60%خىزمەتچى يان تېلېفون ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ

  كىچىك دەرسخانا: نېمە ئۈچۈن يان تېلېفون ئوينىغانسېرى، مېڭە شۇنچە سەگەكلىشىپ كېتىدۇ؟

  مېلاتونىن ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مېلاتونىننىڭئاجرىلىپ چىقىشى كۈندۈزى نۇرنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىغاچقا، كېچىسى ئاجرىلىپ چىقىشى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ.

  ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئىشلەتكەنسېرى ھاياجانلىنىدۇ، چۈنكى ئادەمنىڭ كۆزىدە بىر خىل نۇر قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بار بولۇپ، كۆك نۇرغا ئىنتايىن سەزگۈر، بۇ خىل نۇرلار مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى زور دەرىجىدە تورمۇزلاپ، ئۇيقۇغا تەسىرگە كۆرسىتىدۇ.

  ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق

ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى

  خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆزى باھالاش جەدۋىلى

  ئۇيقۇ سۈپىتى ئادەتتىكىچە %37

  ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى %53

  ئۇيقۇ سۈپىتى بەك ناچار %10

  پەقەت %30.6 خىزمەتچىنىڭ قاتتىق ئۇخلاش ۋاقتى ئۆلچەمگە يەتكەن

  كىچىك دەرسخانا: قاتتىق ئۇيقۇ دېگەن نېمە؟

  قاتتىق ئۇيقۇ ئادەتتە ئۇيقۇ دەۋرىدىكى «ئالتۇن ئۇيقۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە پۈتۈن ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ %25-%15ىنى ئىگىلەيدۇ.

  قاتتىق ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

  ئۇيقۇ سۈپىتىناچارلىقىنىڭ

خىزمەتچىلەرگە بولغان تەسىرى

  ئەستە تۇتۇش ئىقتىدرى تۆۋەنلەش %51.6

  دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك %47.8

  تېرىسى ناچارلاش %29.3

  ئاسان ئاچچىقلىنىش %17.4

  تىت-تىتبولۇش %15.4

  ئەلا سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ بەش ئالاھىدىلىكى

  30 مىنۇت ئىچىدە ئۇخلاش

  ئارىلىقتا ناھايىتى ئاز ئويغىنىش

  ياكى ئويغانغان ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك

  قاتتىق ئۇخلاش، ئاسان ئويغانماسلىق

  كۈندۈزى مېڭىسى سەگەك بولۇش، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش

ئورنىدىن تېز تۇرۇش

تۇرغاندىن كېيىن روھلۇق بولۇش

  ئالتە ئىش ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ

  ئۇچۇر كاشىلىسىنى تازىلاش

  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىۋېتىش. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆرۈش تور پەردىسى يان تېلېفون ئېكرانىدىكى كۆك نۇرنىڭغىدىقلىشىغا سەككىز مىنۇتئۇچرىسا،بەدەن بىر سائەتتىن ئارتۇق روھلىنىپ،

  بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  نۇرنى تەڭشەش

  كېچىدە كۆز ئۇچۇق نۇرداتۇرسا مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىكۈچلۈك تورمۇزلىنىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئامال بار چىراغنى ياندۇرۇش كېرەك.

  ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش

  ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن زىيادە كۆپ نەرسە يېيىشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە چۈشتىن كېيىن ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇنكوفېئىن مىقدارى زىيادە كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، ئەتكەن چاي، قەھۋە قاتارلىق.

  تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىش

  ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش، بەدەننىڭ ئۇيقۇ-ئويغىنىش دەۋرىيلىكىنى كۈچەيتىش.

  كۈندۈزدىكى ئۇخلاش ۋاقتىنى كونترول قىلىش

  كۈندۈزى ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە كېچىلىك ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئامال بار 30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

  كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش

  قانۇنىيەتلىك چېنىقىشئۇيقۇنى تېخىمۇ ياخشىئىلگىرىسۈرىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق دالا پائالىيەتلىرىمۇ مېلاتونىننىڭئاجرىلىشىغا پايدىلىق.

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى