تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقتىن ئېھتىيات قىلىڭ

日期:2022年04月02日
来源:天山网
【字体:

تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقتىن ئېھتىيات قىلىڭ

مېتېئورولوگىيە ئىلمىدا دېيىلگەنتۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقباش باھاردا تېمپېراتۇرىنىڭ بىرقەدەر تېز ئۆرلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئەتىيازنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا نورمال يىللارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ھەمدە يامغۇرلۇق ھاۋارايى ھادىسىسىنىڭ قوشۇلۇپ كېلىدىغانلىقىنىكۆرسىتىدۇ. بۇ خىل «باش باھارئىللىق، باھارنىڭ كېيىنكى مەزگىلى سوغۇق» بولىدىغان ھاۋارايى تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق دەپ ئاتىلىدۇ.

تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىكۈچىيىدۇ

ياشانغانلارنىڭ ئىسسىقلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناچارراق، ئايلىنىش سىستېمىسى ناھايىتى ئاسانلا تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ. سىمباتىك نېرۋا سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، قوزغىتىلىش دەرىجىسى يۇقىرىلايدۇ، پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئېقىمىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئېشىپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلار ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار بۇ خىل ئۆزگىرىشكە ماسلىشالماي، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئاسانلا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىپەيدا بولىدۇ

بەزى قىزلار بالدۇرلا كۆڭلەك كىيىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ تىز بوغۇمى سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا بىرقەدەر سەزگۈر بولۇپ، سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بوغۇم ئەتراپىدا ئاسانلا ئۇيۇشۇش، تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

نەپەس يولى سىستېمىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاسان تارقىلىدۇ

ھاۋا كىلىماتى سوغۇق، ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچراپ، باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار بەدەنگەكىرىپ، تارقىلىشچان زۇكام، قۇلاق ئاستىبېزى ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىش كېرەك؟

1. ئەتىيازدامۇۋاپىق كىيىنىش

تېمپېراتۇرا ۋاقتىنچە ئۆرلىسىلا دەرھال قىشلىق كىيىملەرنى سېلىۋەتمەسلىك، ئەتىگەن، كەچتە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، زۇكام ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

2. ۋاقتىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش

ئۆي ئىچىدىكى چاڭ-توزانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ ھايات قېلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ئازايتىش، تىزگىنلەش كېرەك.

3. دالا پائالىيىتى

مۇۋاپىق دالا پائالىيىتى قىلىپ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بەدەننى تېخىمۇ ياخشى تەڭشەپ، ئەتىياز پەسلىدىكى ئۆزگىرىشچان كىلىماتقا ماسلىشىش كېرەك.

4. «پۇراقلىق يېمەكلىك»لەرنى يېيىش

«تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق»تا پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە قارىلىشىچە، باش پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، كەرەپشە قاتارلىق پۇراقلىق يېمەكلىكلەر سوغۇقنى ھەيدەيدىكەن، يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى