غول ھۈجەيرە راستىنلا چىراي گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرەمدۇ؟

日期:2022年04月01日
来源:天山网
【字体:

غول ھۈجەيرە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ دېگەن گەپلەر ئىشەنچلىكمۇ؟ يېقىندا، دۆلەت بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «غول ھۈجەيرە ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەسكەرتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەسكەرتمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، بازاردىكى زور مىقداردىكى غول ھۈجەيرە مەزمۇنى بار ئېلانلاردىكى قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، شېكەرنى كونترول قىلىش، راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەشۋىقاتلارغا قارىتا تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق ئەسكەرتتى:

بىرىنچى، نۆۋەتتە پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈپ قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالىغاندىن سىرت، باشقا غول ھۈجەيرە بىلەن داۋالاش يەنىلا كىلىنىكىلىق تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كىلىنىكىدا قوللىنىش باسقۇچىغا كىرمىدى.

ئىككىنچى، نۆۋەتتە سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى رويخەتكە ئالغان غول ھۈجەيرە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتىدا، پەقەت دىئابېت كېسىلىگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلا بار.

ئۈچىنچى، نۆۋەتتە سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى رويخەتكە ئالغان غول ھۈجەيرە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتىدا غول ھۈجەيرىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشى، راكقا قارشى تۇرۇشى، چىراي گۈزەللەشتۈرۈشى جەھەتتىكى تەتقىقات يوق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش ئارقىلىق چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە، غول ھۈجەيرە ئۇقۇم مەھسۇلاتلىرى «ياشنى توڭلىتىدۇ»، «يېشىڭىزنى كىچىك كۆرسىتىدۇ»، «ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ»، ھەتتا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان «سىرلىق قورال» دەپ تەشۋىق قىلىندى. دۆلىتىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن- نىزاملىرىدا، «غول ھۈجەيرە» دېگەن سۆز ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان سۆزگە تەۋە. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «ئەسكەرتمە»دە كۆرسىتىلىشىچە، ئايرىم كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كىلىنىكىدا قوللىنىش ۋە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتتىن باشقا، غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا ھەم ئالاقىدار تەتقىقات يوق، ھەم كىلىنىكىلىق ئاساسمۇ يوق ئىكەن، غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، راكقا قارشى تۇرىدۇ، چىراي گۈزەللەشتۈرىدۇ دېگەندەك ئېلانلارنىڭ ھەممىسى ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلانلار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «غول ھۈجەيرە» مەزمۇنىدىكى ئېلانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلان دېلولىرى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئېلان بازىرى تەرتىپى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىلىدىكەن. قانۇنغا خىلاپ تەشۋىقات ئېلانلىرىنى بايقىغاندا پاش قىلىش تېلېفونى − 12315كە تېلېفون قىلساق بولىدىكەن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى