ساياھەتكە چىققاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟

日期:2022年03月31日
来源:天山网
【字体:

يۇقۇم مەزگىلىدە ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. ساياھەت قىلغاندا ئامال بار يېقىن ئەتراپقا بېرىش، ئاۋات مەنزىرە نۇقتىسىغا بارماسلىق ياكى ئادەم كۆپ ۋاقىت بۆلىكىدە سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ساياھەتكە بارماقچى بولغان شەھەرنىڭ 12320 قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراش، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىق كېرەك. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق زۆرۈر بۇيۇملارنى تەييارلاش، ئەگەر سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ساياھەت پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئايروپىلان، پويىز، مېترو، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش، قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىمكانقەدەر ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا تاماق يېمەسلىك كېرەك. قاتناش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈشىگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى لازىم.

ئالدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بارماقچى بولغان جايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى بىلىش، ساياھەت پىلانىنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەش، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بارغاندا ئادەم ئاز ۋاقىت بۆلىكىنى تاللاش، ئىمكانقەدەر سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەش، بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە كۆرسىتىش تاختىلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپلىرىگە دىققەت قىلىش، تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇش، بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

ساياھەت جەريانىدا ماسكىنى ياخشى تاقاش، يۆتەلگەندە ئېغىز- بۇرۇننى توسۇپ يۆتىلىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، قول تازىلىقىغا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەپەر جەريانىدا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولسا 120 گە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

مەنزىرە رايونىدا ئامال بار ئۆزى تەييارلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. ئەگەر ئاشخانىدا تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇرۇش، باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش، كەڭ كۆلەمدە يىغىلىپ تاماق يېمەسلىك كېرەك. بوۋاقلار ۋە بالىلارنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. تاماق يېيىش جەريانىدا ئامال بار ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى تۇتماسلىق، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش، كوللېكتىپ چوكا، كوللېكتىپ قوشۇق ئىشلىتىش كېرەك.

سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمىتىگە ياخشى ماسلىشىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە تىزىملىتىش كېرەك. ئەگەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ساياھەتكە بارغان جايدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.