تۇرمۇش لۇغىتى| بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟ دانىسى يوغانلىرىغا يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنمۇ؟ جاۋابىمىزغا قۇلاق سېلىڭ

日期:2022年03月30日
来源:天山网
【字体:

بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟ دانىسى يوغانلىرىغا يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنمۇ؟ جاۋابىمىزغا قۇلاق سېلىڭ

باش باھاردىكى 3-ئايداتېمپېراتۇرا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆيدە ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ،ئەگەر بىر تەخسە چۈچۈمەل تاتلىق، ئوزۇقلۇقى مول بۆلجۈرگەن بولسىلا،تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بىراقبۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟ بۆلجۈرگەننىڭ دانىسى يوغانلىرىغا يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ياخشى بۆلجۈرگەن قانداق بولىدۇ؟

بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە، سەمرىپ كېتەمدۇ؟

شاڭخەي شەھەرلىك بازارنازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا يېقىندائېلان قىلىنغان ماقالىدەكۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق، لېكىن سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈنبۆلجۈرگەن ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. بۆلجۈرگەنمېۋە شېكىرى مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، يېيىشلىك مېۋە بولۇپ، ئەگەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەۋالمىسىلا، ئۇنى «ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتى» دېيىشكە تامامەن بولىدىكەن.

«ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى يەتتە تال بۆلجۈرگەنلا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بىر كۈنلۈك ۋىتامىنCنى تولۇقلىيالايدۇ.» ماقالىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېيىلدى: بۆلجۈرگەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرامىدا ئاران 34 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدۇ، مېۋىسىنىڭ %90ى سۇ، پەقەت %7.5ىلا كاربون سۇ بىرىكمىسى، %2.5ى باشقا ماددا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنىڭ مىقدارىمۇ مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. كىشىلەرئادەتتە لىمون بىلەن ئاپېلىسىننىڭتەركىبىدەۋىتامىنCنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر 100 گىرام بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىنCمىقدارى47mgبولىدۇ، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى لىمونداۋىتامىنCمىقدارى ئاران22mg.

بۆلجۈرگەننىڭ دانىسى يوغانلىرىغا «يوغىنىتىش دورىسى» ئىشلىتىلگەنمۇ؟

بازاردىن بۆلجۈرگەن سېتىۋالغاندا، شەكلى غەلىتە، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، قىزىرىشى تەكشى بولمىغان بۆلجۈرگەنلەرنى ئۇچرىتىمىز، بەزىلەر بۇنى يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۆلجۈرگەننىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، سورتى، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بەزى تۈردىكى بۆلجۈرگەنلەر تەبىئىي يوغان كېلىدۇ، مەسىلەن، بىز دائىم يەيدىغان جاڭجى بۆلجۈرگىنى، بۇ ئاساسلىقى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ئەلا سورت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى پىشىقىدا ئۈزۈلگەن بۆلجۈرگەنلەرمۇ كېيىنكىلىرىدىن چوڭ بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، «يوغىنىتىش دورىسى» (ئىلمىي نامى خىلوروپىررول ئۇرېيە)يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان، دۆلەت تەستىقلىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن، پەقەت بۆلجۈرگەننىڭ تەمىگىلا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، مەسىلەن، بۆلجۈرگەننىڭ چۈچۈمەل ياكى تەمسىز، ئىچىنىڭ كاۋاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئادەتتە پۇراقلىق، تەملىك بۆلجۈرگەنگە يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلمىگەن بولىدىكەن.

كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە مىزانىنى تۈزگەن، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىر يۈرۈشقاتتىق بولغانخەۋپ-خەتەرنى باھالاشتۈزۈمىئورناتقان. دۆلىتىمىز خەلقئارا مىزانغا ئاساسەن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى بىخەتەرلىكىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر يوغىنىتىش دورىسىنى زەھەرلىكلىكىنى باشقۇرۇش ھاجەتسىز ماددىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇقىغا بىخەتەرلىك چەك ئۆلچىمى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.

بۆلجۈرگەننىڭ قاندىقى ياخشى؟

بۆلجۈرگەن ئۈزمەكچى بولساق، قايسى ۋاقىت ئەڭ مۇۋاپىق؟

ماقالىدە مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: «ئەسلىھەلىك بۆلجۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى» (NY3848-2021)دىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، مېۋىنىڭ رەڭگە كىرىش دائىرىسى %80 ~ %90كە يەتكەن ۋاقىتبۆلجۈرگەن ئۈزۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ھېسابلىنىدىكەن، ئەڭ ياخشى ئۈزۈش مەزگىلى سەھەردە شەبنەم قۇرىغاندا ياكى كەچقۇرۇن ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن بولۇپ، ئۈزگەندەمېۋە سېپى بىلەنگۈلكاسىسىنى قوشۇپئۈزۈش، مېۋە سېپىنىقالدۇرماسلىقكېرەك.

ئەڭ ياخشى بۆلجۈرگەن تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: «بۆلجۈرگەننىڭ دەرىجە ئۆلچىمى» (2009-1789 NYT)بويىچە شۇ تۈرنىڭئالاھىدىلىكىبولۇشى، سىرتقى يۈزى پارقىراق بولۇشى، لاي-توپا بولماسلىقى؛ گۈلكاسىسىبولۇشى، گۈلكاسىسى بىلەن مېۋە ساپىقى يېڭى، يېشىل بولۇشى كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سۈپىتى، يېڭى پېتى ساقلىنىشى ۋە ئوراپ قاچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئىنتايىن كىچىك نۇقسانلاردىنباشقا ھېچقانداق نۇقسانبولماسلىقى كېرەك.

(مۇخبىر سۈن خۇڭلى)

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى