ئەزا ۋاڭ گۈيچى ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىشى كېرەك، دېدى

日期:2022年03月28日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇيچى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان ئەزالار يولىدا مۇنداق دېدى: «راك كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ ئەڭ كۆرگۈسى كەلمەيدىغىنى «كېچىكىش» دېگەن سۆز، كۆپچىلىككە ئەڭ دېمەكچى بولغىنىمىز «بالدۇر» دېگەن سۆز، چۈنكى بالدۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلار بەك ئاز.»

ۋاڭ گۈيچى مۇنداق دېدى: كۆپ ساندىكى كىشىلەردە قىزىش، تاماق يېيەلمەسلىك، دائىم بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدۇ. لېكىن، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۆسمە ئەزەلدىن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى كۆپ باسقۇچلۇق ئاستا جەريان. دۆلىتىمىزدە كۆپ يۈز بېرىدىغان قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، تۈزئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ نورمال ھالەتتىن راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى راكقىچە، يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلدىكى راكلارغىچە، بۇ جەريانغا 10 يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.»

كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. «بىز دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك ۋە راكتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بايقىيالايمىز، ئاندىن دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى قوغداپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايمىز، ھەتتا ساقايتالايمىز، دېدى ۋاڭ گۇيچى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ساغلاملىقنى ساقلاشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك ئىكەن. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۈچتىن بىر قىسىم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ۋاڭ گۇيچى: «ئەگەر ئۆسمىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى ياكى خەتەرلىك كىشىلەر توپى بولسا، كېسەللىك ئالامىتى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، 50 ياشقا بارغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈتۈشى، بالدۇر دىياگنوز قويدۇرۇشى، ئاشقازان-ئۈچەي ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈتۈشى، ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى.