ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

日期:2022年03月24日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغانلار توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تېز ئىلگىرى سۈردى، ئۇنداقتا، ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ئورنىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئوسمان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مۇقىم، دورا بىلەن كونترول قىلىشى ياخشى بولسىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش تاكتىكىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ياشانغانلار، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلار ئەڭ ئاۋۋال يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشى كېرەك، دەپ قارالدى.

ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتىن بۇرۇن

ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىنىڭ ئاساسىي كېسىلىنى ياخشى كونترول قىلغانلىقىنى ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۆزىنىڭ مۇقىم مەزگىلدە تۇرغان- تۇرمىغانلىقىنى بېكىتەلمىسە، دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. دورا ئارقىلىق كونترول قىلىشى ياخشى، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشكە بولىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندە

ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملىتىش نۇقتىسىدىكى دوختۇرغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالامەتلىك ئەھۋالى، يېقىندا ئىچكەن دورا ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى ھەمدە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن

ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملىتىش نۇقتىسىدا 30 مىنۇت تۇرۇپ كۆزىتىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەن كۈنى ئوكۇل سېلىنغان ئورۇننىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلىشى ھەمدە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلگىرى رېئاكسىيە قىلىدىغان ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان سەزگۈرلەشتۈرگۈچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى، ئىمكانقەدەر ھاراق ئىچمەسلىكى، ئاچچىق-چۈچۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. سۇيۇق- سەلەڭ غىزالىنىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىشى، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.