ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ

日期:2022年03月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئومۇمىي خەلقنىڭ كىشىلەر توپى ئىممۇنىتېتى مۇداپىئە تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغان كىشىلەر توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تېز ئالغا سىلجىتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنى قوغداش ئۈنۈمى قانداق؟ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئوسماننى زىيارەت قىلدى.

«ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئارىسىدا ئەملىتىلىش سانى 500 مىليون قېتىمدىن ئاشتى، ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا ۋاكسىنىنىڭ ياخشى بولغان بىخەتەرلىكى نامايان بولدى» دېدى قەيسەر.

ئىككى يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان نېيتراللاشقان ئانتىتېلانىڭ سەۋىيەسى ياشلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى ھەمدە بارلىق كىشىلەر توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نېيتراللاشقان ئانتىتېلا سەۋىيەسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغانلىقى بايقالغان. «بىز ياشانغان كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلىپلا قالماي، يەنە ياشانغانلارغا تېزدىن كۈچەيتمە ئوكۇلنى ئەملىتىشنى مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك.» قەيسەر مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك يۇقۇشىغا قارىتا تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئومىكېروننىڭ تەكرار تارقىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئومىكېرونغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك.

قەيسەر مۇنداق تونۇشتۇردى: سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مۇقىم، كېسىلىنىڭ دورا بىلەن كونترول قىلىنىشى ياخشى بولسىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولىدۇ. ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتىن بۇرۇن، ئاساسىي كېسىلىنىڭ كونترول قىلىنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى ھەم تۇراقلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۆزىنىڭ تۇراقلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان ياكى تۇرمىغانلىقىنى بېكىتەلمىسە دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، كېسىلىنىڭ دورا بىلەن كونترول قىلىنىشى ياخشى، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان ئەھۋالدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدىكى دوختۇرلارنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ساغلاملىق ئەھۋالى، يېقىندا ئىشلەتكەن دورا ئۇچۇرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنلىشى ھەم ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدا 30 مىنۇت كۆزىتىلىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەن كۈنى ئوكۇل ئۇرغان ئورۇننى قۇرغاق ساقلىشى ھەم شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلگىرى مەلۇم بولغان زىيادە سېزىمچان ماددىلار ھەم دائىم كۆرۈلىدىغان سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، مايسىز غىزالىنىش، كۆپرەك سۇ ئىچىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.