قايسى ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ؟

日期:2022年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ) ئومۇمىي خەلق كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت مۇداپىئە تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغانلار توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تېزلەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى خۇڭيەن 3- ئاينىڭ 16- كۈنى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى قانداق ئەملەش، ناچار تەسىر پەيدا قىلىش- قىلماسلىق، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولۇش- بولماسلىق قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا تەكلىپ بەردى.

«ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، ئوكۇل ئۇرۇلغان ئورۇن ئاغرىش، مونەك بولۇپ قېلىش، قىچىشىش ياكى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۈگدەش، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى ناچار تەسىر بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن پەسىيىدۇ.» لى خۇڭيەن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە ھازىر ئەملىنىۋاتقىنى ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا، بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇقىم، ناچار تەسىرى ئىنتايىن كىچىك. ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئاز كۆرۈلىدىغان ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىش نىسبىتى ئون مىڭدىن بىر پىرسەنتكە يەتمەيدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن ياشانغانلار، بولۇپمۇ سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار، ناۋادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، بۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ يېنىك بولۇش ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان يۇقۇملانغۇچى بولۇش ئېھتىمالى كۆپرەك بولىدۇ، ئېغىر ئاغرىقلار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە بولىدۇ. «بىز دەۋاتقان سوزۇلما كېسەل يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىلا كۆرسىتىپ قالماي، يەنە ياشانغانلاردىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ قېلىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك بوغۇم كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». لى خۇڭيەننىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بىلەن بۇ سوزۇلما كېسەللەرنىڭ دورىلىرىنى ئىچىش توقۇنۇشمايدىكەن.

ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى بېرىدىغان، يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە كىشىلەر ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ تەركىبىگە زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ياكى ئېغىر نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى (گرېنبالى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ئېغىر دەرىجىدىكى مۇسكۇل جانسىزلىنىش كېسىلى) ۋە يىلىك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمەسلىكى كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن، ئوكۇل قىلىنغان ئورۇن ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق ئادەتتىكى ناچار تەسىرلەر كۆرۈلىدۇ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، كۆپرەك ئارام ئالسىلا، كېسەللىك ئالامىتى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە پەسىيىدۇ. ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى ئاز كۆرۈلىدىغان زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى (ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك، ئانافىلاكسىيەلىك شوك قاتارلىقلار) ياكى باشقا بىئاراملىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.