سىز بىلمەيدىغان ۋىتامىن D

日期:2022年03月01日
来源:人民网
【字体:

[ساغلاملىق ھەممىمىزدە]

ۋىتامىن Dنى تىلغا ئالساق (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «VD» دەپ ئېلىندۇ)، بۇ نۇرغۇن ئانىلارغا ناتونۇش ئەمەس. ئۇ كالتسىينىڭ سۆڭەكتە چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىنىڭ سۆڭەك ساغلاملىقىدا ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ. VD بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي يەنە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەر توپىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان رولى بار.

شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۆ مېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: VDنىڭ كالتسىينىڭ چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا يەنە ياللۇغلىنىشنى تورمۇزلاش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداش، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدىۇ، شۇڭا VDنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك.

باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، VD ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن بىرىكەلەيدىغان بىردىنبىر ۋىتامىن ھېسابلىنىدۇ. بىراق قۇياش نۇرى كەمچىل قىش كۈنلىرى ۋە يۇقىرى كەڭلىك رايونلىرىدا، ئۆزلۈكىدىن بىرىكىشى يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا VDنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەركىبىدە VD مول يېمەكلىكلەر بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئاساسلىق تولۇقلاش مەنبەسى يەنىلا قۇياش نۇرىدۇر. قۇياش نۇرى تېرىگە چۈشكەندە، بەدەندە VD پەيدا بولىدۇ، لېكىن كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلانماسلىق، ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ تېرىنى قوغداش كېرەك.

ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇياش نۇرىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار، سىرتتىكى پائالىيىتى ئاز بولغان ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە VD كەمچىل دەپ كۆرسىتىلگەنلەر، دورا ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىكى پايدىلىنىش مىقدارى»نىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسلانغاندا: 0 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى 400IU مىقداردا VD قوبۇل قىلسا بولىدىكەن؛ 65 ياش ۋە 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر، ھەر كۈنى 600IU مىقداردا VD قوبۇل قىلسا بولىدىكەن.

دوختۇر شۆ مېي مۇنداق ئەسكەرتتى، پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش، ئىككى پۇتى ماغدۇرسىزلىنىش، ھۆل تەمرەتكە، زىيادە سەزگۈر خاراكتېرلىك يەلتاشما، زىققا، زىيادە سېزىمچانلىق، ۋارونكىسىمان كۆكرەك، توخۇ كۆكرەك ھەمدە بالىلارنىڭ كېچىدە كۆپ تەرلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى VD كەملىكنىڭ ئىپادىسى. ئۆزىدە VDنىڭ كەمچىل ياكى كەمچىل ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولغاندا، قان تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.