ياتاق ئۆيگە ماي بوياق رەسىم ئاسماڭ

日期:2022年03月01日
来源:人民网
【字体:

نۆۋەتتە ئۆي ئىچىنى زىننەتلەش ئۈچۈن ئېسىلدىغان رەسىملەر ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەسلە مەۋجۇت: بىرىنچىدىن، بىر قىسىم رەسىم رامكىسى بىخەتەر ئەمەس، بۇ خىل رامكىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا زىچلىقتىكى تالالىق تاختىدىن ياسىلىدۇ. دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان رامكىلار ئېغىر بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆۋەن زىچلىقتىكى تالالىق تاختىدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق تاختايلاردا فورمالدېھىد، بېنزول قاتارلىقلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىككىنچىدىن، ماي بوياق رەسىملەرگە ئىشلىتىدىغان بوياقلارنىڭ تەركىبدە مەلۇم مىقداردا سىتىبىي. ئارسېن، بارىي، سىماب، سېلىن قاتارلىق ئېلېمىنىتلار بار، بۇ ئېغىر مېتاللارنى ئادەم كۆپ سۈمۈرۈۋالسا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، باسما ئەسەرلەر، سۇ بوياق رەسىملىرى، جۇڭگوچە رەسىملەر نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بىر قىسىم يېپىشقاق تەركىبلىك ماتېرىياللاردىمۇ كۆپ مىقداردا فورمالدېھىد ۋە بېنزول بار.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىر ۋە يىلىم ئاز ئىشلىتىلگەن، بەك قېنىق رەڭلەر ئىشلىتىلمىگەن رەسىملەرنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بۇ رەسىملەردىن دىماقنى غىدىقلايدىغان پۇراق چىقىدىغان–چىقمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. رەسمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە بىر مەزگىل قويۇپ ، ئاندىن تامغا ئېسىش كېرەك.