ئەتىياز پەسلىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن ھوشيار بولۇڭ

日期:2022年02月24日
来源:人民网
【字体:

بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز قىچىشىش، يۆتىلىش، نەپەس قىسىلىش، ئۇخلىيالماسلىق... ئەگەر سىزدە ئادەمنى قىينايدىغان بۇ كەچۈرمىشلەر بولسا، بەلكىم رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن زىققا كېسىلىدىن ئىبارەت نەپەس يولى كېسىلى ھېسابلىنىدىغان بۇ «ئايرىلماس ئاكا ـ ئۇكا»لارنىڭ سىزگە كۆزى چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

«رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققا كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، يېقىنقى مەزگىلدە پەسىل ئالماشقاچقا ھاۋا كۆپ ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، ئاسانلا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جۇ يۈلۇڭ.

نېمە ئۈچۈن بۇلارنى بىر جۈپ «ئايرىلماس ئاكا-ئۇكا»لار دەيمىز؟ جۇ يۈلۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن زىققا كېسىلى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر خىل نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمىدا ئىپادىلەنسە رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، كانايچىدە ئىپادىلەنسە زىققا كېسىلى بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن نەپەس يولى ياللۇغى خاراكتېرلىك رېئاكسىيەسى ئوخشاشلىققا ئىگە ھەم ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم بىللە كۆرۈلىدۇ.

«رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققا كېسىلى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي تەكشۈرتۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا ئېلىش كېرەك.» جۇ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز قىچىشىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق تىپىك رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەمدە يۆتەل، دەم سىقىلىش، مەيدە بىئارام بولۇش قاتارلىق زىققا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاننىڭ ئادەتتىكى كىسلاتالىق دانچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى تەھلىل قىلىش كېرەك، «كىسلاتالىق دانچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپەيسە، ئاغرىقنىڭ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ياكى (ۋە) زىققا كېسىلىنىڭ قوزغىلىدىغانلىقىنى ياكى قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش-بولماسلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەمەت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر مۇداپىئە قىلىشقا دىققەت قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا رېئاكسىيە مەنبەسىگە يولۇقۇپ زىققا كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. زىققا كېسىلى بولۇپ قالسا، بىر ئۆمۈر قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

«زۇكاممۇ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.» جۇ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىغاندا، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ۋە رېئاكسىيە مەنبەلىرىنى سۈزۈپ قالغىلى بولىدۇ. شارائىتى يار بەرسە ئۆيگە ياكى ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىغا ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئورنىتىپ، چاڭ-توزان ۋە تۇماننى سۈزسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەرەللىك ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك، مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى، ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى. يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، مەسىلەن چېنىقىش، مەشغۇلات قانۇنىيەتلىك بولۇش كېرەك. يەنە جۇڭيى تېبابىتى سەنفۇ چاپلىقى بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئانتىگېن ئانتىتېلا قويۇپ بېرىپ، ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى كۆپەيتىشكىمۇ بولىدۇ.