ئەمدى «قىزىقىدا يەۋەرمەڭ»، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

日期:2022年02月24日
来源:人民网
【字体:

نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندە «قىزىقىدا يېيىش»نى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، گوڭفۇ چېيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان چاۋشەنلىكلەرنىڭ (潮汕人) چاي دەملىگەندىكى قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃90تىن ئاشىدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، چاۋشەن قىزىلئۆڭگەچ راكى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالتە چوڭ رايوننىڭ بىرى ئىكەن. گەرچە قىزىلئۆڭگەچ راكى ئىرسىيەت، ھاراق ئىچىش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن چاۋشەن خەلقىنىڭ «قىزىقىدا» گوڭفۇ چېيى ئىچىش ئادىتى قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە خىزمەت، تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبلىك تاماق يېيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇش، ئىنچىكە چاينىماسلىق، قىزىق تاماق يېيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئالاھىدە قىزىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ناھايىتى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسى زەخىملىنىدۇ، تەكرار قىزىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، تەكرار زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شىللىق پەردە ئادەتتىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئۆسۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ يېنىك دەرىجىدىكى ئۆسۈش، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئۆسۈش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆسۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ يەنە باشقا كېسەللىك سەۋەبلىرى بار، ئەمما ئاساسەن بىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، يىرىك يېمەكلىكلەر، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار.

قانداق قىلغاندا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاپ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. تاماق يېگەندە ئەڭ ياخشىسى بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك، ئادەتتە ℃40 ئەتراپىدا بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق.

2. تاماقنى بەك تېز يېمەسلىك كېرەك.

تاماقنى بەك تېز، بەك قىزىق يېگەندە، قىزىلئۆڭگەچكە بەلگىلىك زىيان يېتىپلا قالماي، پۈتكۈل ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاجىز قىزىلئۆڭگەچ تەكرار كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن، ياللۇغ، يارا قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە نىسبەتەن ئالدىن ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.