مۇتەخەسسىسلەر بالىلار ئۆسمىسىگە ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ بالدۇر داۋالاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

日期:2022年02月24日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەلقئارا بالىلار راك كېسەللىكى كۈنى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن. بالىلاردا قورساق ئاغرىش، ئىششىق قاتارلىق بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولمىسا كېرەك دەپ قاراپ، بالىلار ئۆسمىسىگە خاتا دىياگنوز قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بالىلار ئۆسمىسىنى داۋالاشتا بالدۇر بايقاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ياشلار-ئۆسمۈرلەردە لىمفا تۈگۈنى يوغىناش، ئاغرىقسىز ئىششىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار قان ئۆسمىسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور خې شياڭلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلار، جۈملىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، كېسەل قوزغالغان ئورۇنمۇ پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قان سىستېمىسى ئۆسمىسى بولۇپ، قان سىستېمىسى ئۆسمىسىدىن باشقا يەنە لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىقلار بار.

پىروفېسسور خې شياڭلىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: بالىلار ئۆسمىسىنى بالدۇر بايقاشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىق بار، بىرىنچىدىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلاردا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئاز كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ، بالىلاردا ئاغرىق، ئىششىق قاتارلىق بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، بۇنى ناھايىتى ئاز ھالدا ئۆسمە تەرەپكە ئويلايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلار كىچىك بولغاچقا، كېسەل بولغاندا ھېسسىياتىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بالىلار ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە ئاندىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ، داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇيۇقسىز ئاستىلاش، ئۇزاق ۋاقىت ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالا ئۇخلىغاندا بالىنىڭ قورسىقى، پۇت-قوللىرىنى سىلاپ، ئىششىق بار-يوقلۇقىغا قاراپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر ئىششىق بار بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر يىلى بىر قېتىم بالىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك.