ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟

日期:2022年02月09日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

     پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدەسىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداقمېڭىۋاتامسىز؟پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشىياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدەسىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

«پىيادە مېڭىش» دېگەن نېمە؟

سەيلە قىلىش بىلەن يورغىلاپ مېڭىشنى سېلىشتۇرغاندا، پىيادە مېڭىش بىر خىل ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ھەرىكەت شەكلى، شۇنداقلا بىرقەدەر بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان چېنىقىش شەكلىدۇر.

قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دائىم مېڭىپ بەرگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، يەنە تېخى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك چارچاپ كەتمەيدۇ.

قانچىلىك مېڭىش مۇۋاپىق؟

ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئەتراپىدا مېڭىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، سەل-پەل دەم سىقىلسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلەشسىلا كۇپايە.

پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى

بىرىنچى، مېڭىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلەش، بوغۇم، مۇسكۇللارنى سوزۇش، ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى، ماڭغاندا بويۇن بىلەن مۈرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، باشنى كۆتۈرۈپ كۆكرەكنى كېرىش، قولنى مېڭىش سۈرئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدى-كەينىگەھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاندىنبەلنى رۇسلاپ، بەدەننى سەل-پەل ئالدىغا ئېگىپ، تاپاننى يەرگە تەگكۈزۈپ، پۇتنىڭ ئۇچىدا يەرنى دەسسەش قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، پىيادە مېڭىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىش، پۈتۈن بەدەننى نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەي سوزۇش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەپ 2-كۈنى مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تۆتىنچى، راھەت تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسان قۇرۇيدىغان، تەر سۈمۈرىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن كىيىملەرنىتاللاش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش كېرەك. بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنھەمراھ بىلەن بىللە مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەزمۇن شىنخۇا تورى، ساغلام جۇڭگو، ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتىدىن ئۇنىۋېرسال رەتلەندى