نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، كۆپ يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ (جۇڭيىچە كۈتۈنۈش)

日期:2021年11月15日
来源:天山网
【字体:

شۈ بىن

نەشپۈت تەملىك، شىرنىلىك، چۈچۈمەل تاتلىقبولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول. نەشپۈت يېيىشتىمۇ نۇرغۇن بىلىم بار.

نەشپۈت يېيىشتەتۆۋەندىكىدەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار________

نەشپۈت + قايناق سۇ: ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، نەشپۈت يەپ قايناق سۇ ئىچسە ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نەشپۈت + قىسقۇچپاقا: ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. «توغرا غىزالىنىش» دېگەن كىتابتا «شىزى ۋە نەشپۈتنى قىسقۇچپاقا بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان. نەشپۈت ۋە قىسقۇچپاقا ئىككىلىسىنىڭتەبىئىتى سوغۇق بولغانلىقتىن، ئىككىسىنى تەڭ يېگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ.

نەشپۈت + قوي گۆشى: نەشپۈتتىكى بەزى ئېنزىملار قوي گۆشىنىڭ بەزى تەركىبلىرىنى پارچىلاپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

تۇغۇتلۇق ئاياللار، تاشقى جاراھىتى بارلار دىققەت قىلىشى لازىم: «ئالتۇن رېتسېپلار»دا: «(نەشپۈت)تەبىئىتى سوغۇق، قىرتاق.... تىغ يارىسى بارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېمەسلىكىكېرەك» دەپ خاتىرىلەنگەن. تۇغۇتلۇق ئاياللار، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاغرىقلارنەشپۈت يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

نەشپۈتنىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك «ياخشى ھەمراھلىرى» بار ________

نەشپۈت + ھەسەل: قۇرۇق يۆتەل، شۇنداقلا ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىدۇ؛ يەلنى ھەيدەپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ.

نەشپۈت + ناۋات: بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، قىزىتماياندۇرىدۇ، ئىسسىقنىقايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەيدۇ، قۇرۇق يۆتەل، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگەمەنپەئەت قىلىدۇ؛ قان بېسىمنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

نەشپۈت + گۈلسامساق: بەلغەمنى بوشىتىپ دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ تەرلەشنى توختىتىدۇ؛ تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نەشپۈت + يىنئېر: جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئاشۇرۇپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

«خەلق گېزىتى» (2021-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 17-بەت)