سىز بىلمەيدىغان ۋىتامىن D

日期:2021年08月05日
来源:天山网
【字体:

[ساغلاملىق ھەممىمىزدە]

ۋىتامىن Dنى تىلغا ئالساق (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «VD» دەپ ئېلىندۇ)، بۇ نۇرغۇن ئانىلارغا ناتونۇش ئەمەس. ئۇ كالتسىينىڭ سۆڭەكتە چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىنىڭ سۆڭەك ساغلاملىقىدا ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ. VD بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدائىنتايىن مۇھىم بولۇپلاقالماي يەنەئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەر توپىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان رولى بار.

شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۆ مېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: VDنىڭكالتسىينىڭ چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقايەنەياللۇغلىنىشنى تورمۇزلاش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداش، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭىلاشقا VDنى مۇۋاپىق تولۇقلاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، VD بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن ئۆزى بىرىكەلەيدىغانبىردىنبىر ۋىتامىن ھېسابلىنىدۇ. بىراق قۇياش نۇرى كەمچىل بولغان قىش كۈنلىرى ۋە يۇقىرى كەڭلىكرايونلىرىدا، ئۆزلۈكىدىن بىرىكىشىيېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەركىبىدە VD مول بولغان يېمەكلىكلەر بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئاساسلىق تولۇقلاش مەنبەسى يەنىلا قۇياش نۇرىدۇر. قۇياش نۇرى تېرىگە چۈشكەندە، بەدەندە VD پەيدا بولىدۇ، لېكىن كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلانماسلىق، ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ تېرىنى قوغداش كېرەك.

ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت قۇياش نۇرىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار، سىرتتىكى پائالىيىتى ئاز بولغان ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدەVD كەمچىل دەپ كۆرسىتىلگەنلەر، دورا ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىكى پايدىلىنىش مىقدارى»نىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسلانغاندا: 0 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى 400IU مىقداردا VD قوبۇل قىلسا بولىدىكەن؛ 65 ياش ۋە 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى، ھەر كۈنى 600IU مىقداردا VD قوبۇل قىلسا بولىدىكەن.

دوختۇرشۆ مېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش، ئىككى پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، ھۆل تەمرەتكە، زىيادە سەزگۈر خاراكتېرلىك يەلتاشما، زىققا، زىيادە سېزىمچانلىق، قوۋۇرغا سىرتقا ئۆرۈلۈش، ۋارونكىسىمان كۆكرەك، توخۇ كۆكرەك ھەمدە بالىلارنىڭ كېچىدە كۆپ تەرلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى VD كەملىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۆزىدە VDنىڭ كەمچىل ياكى كەمچىل ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولغاندا، قان تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇقلىسا بولىدىكەن.

(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ رەتلىگەن)