تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەك-ئىچمەكلەر قانداق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ؟
ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەك-ئىچمەكلەر ئادەتتە ياغ يېمەك-ئىچمەك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى %30تىن تۆۋەن بولغان ياكى پۈتۈن كۈنلۈك ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارى 50 گىرامدىن كىچىك بولغان يېمەكلىك ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەك-ئىچمەكلەر تۆۋەندىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ:
بىرىنچى، ئاشقازان، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئىنچىكە ئۈچەي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى.
ئادەتتە، جىددىي قوزغىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلار ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك (20 ~ 0 گىرام)؛ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنىشى ۋە مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 50-40 گىرامغا ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچى، قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
قاندىكى ياغا كۆپىيىش كېسىلى ئاغرىقلىرى ئادەتتە ئومۇمىي ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى 50 ~ 40 گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىشى كېرەك. سېمىزلىك كېسىلى بار كىشىلەر ئومۇمىي ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %30 ~ %20غىچەكونترول قىلىشى كېرەك.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى