تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق زادى قانداق ئىش

日期:2021年08月23日
来源:天山网
【字体:

قان بۆلۈمى ئامبولاتۇرىيەسىدە، دائىم بەزى ئاغرىقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش قاتارلىق بەزى ئالاھىدە بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبىدىن، باشقا بۆلۈملەردە نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ئاخىرىدا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى بايقايدۇ.

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ قانداق ئىپادىسى بار؟

قان ئازلىقنىڭ ئىپادىلىرى: ماغدۇرسىزلىنىش، ئاسان چارچاش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، يۈرەك سىقىلىش، نەپەس قىسقىراش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىپ كېتىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش.

توقۇلمىلاردا تۆمۈر كەملىكنىڭ ئىپادىلىرى: روھىي ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇش، مەسىلەن: ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، غەيرىي نەرسىلەرنى يېيىشكە خۇمار بولۇش؛ بەدەن قۇۋۋىتى، چىدامچانلىقى تۆۋەنلەش؛ ئاسان يۇقۇملىنىش؛ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش؛ ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، تىل ياللۇغى، تىل ئۆسۈكچىلىرى يىگىلەش، جاۋىغاي يېرىلىش، يۇتۇش قىيىنلىشىش؛ چېچى چۈشۈپ كېتىش؛ تېرە قۇرغاقلىشىش، قورۇلۇش؛

ئۇنداقتا نېمىشقا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا گىرىپتار بولىمىز؟

بىرىنچى، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن.

ئىككىنچى، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن.

ئۈچىنچى، تۆمۈر بەك كۆپ خوراپ كەتكەنلىكتىن.

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش:

بوۋاق بالىلار: تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بالدۇرراق قوشۇش، مەسىلەن: تۇخۇم، جىگەر، پالەك قاتارلىقلار؛ ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن، تاماق تاللاشنى تۈزىتىش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، پارازىت قۇرتتىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش كېرەك.

ھامىلىدارلار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار: تۆمۈر تولۇقلاش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار: ھەيز كۆپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

ياشانغانلار: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاساسىي كېسەللىكلەر بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ئاسپىرىن، كىسلاتانى تىزگىنلەش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى