جۈزىنى كۆپ يېسە راستتىنلا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ

日期:2021年08月13日
来源:天山网
【字体:

قىش پەسلىدە ئىستېمال قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان مېۋىنى تىلغا ئالساق، ئۇ دەل جۈزە. جۈزە يەيدىغان پەسىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، بازاردىكى ھەر خىل جۈزىلەر كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ.

جۈزە مەلۇم بىر خىل مېۋە بولماستىن، بەلكى بىر خىل مېۋىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، جۈزە، يوۋزى، گەنجۈ، چېڭزى، لىمون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رەڭگى سېرىق رەڭدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭگىچە بولىدۇ.

گەنجۈ ۋىتامىن C ۋە كاروتىننىڭ ۋەكىللىك يېمەكلىكى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 گىرام گەنجۈ تەركىبىدىكى كاروتىن 890 مىكروگىرام، ۋىتامىن س 28مىللىگرام كېلىدۇ.

گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋە-چېۋىلەردە ياغ ۋە ئاقسىلنىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ.

گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل يېمەكلىك تالالىرى بار، مېۋە يېلىمى ئۇنىڭ ئاساسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، بۇمۇ مېۋىنى كۆپ يېسە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك، سېلىن قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

گەنجۈ تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرالايدۇ. فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمە گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەر ئىچىدىكى يەنە بىر خىل بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددا بولۇپ، ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، قىل قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكىنى تۆۋەنلىتىش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى چەكلەش قاتارلىق رولى بار.

«ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» جۈزە سورتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بولىدۇ، ئامال بار مېۋە ئېتىنى تولۇق يەپ، يېمەكلىك تالالىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

جۈزىنىڭ پوستىمۇ، ئېتىمۇ گۆھەر، پىشقان جۈزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، قورۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن جۈزە پوستى جۇڭيى دورىسىغا ئايلىنىدۇ، بۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھۆللۈكنى تۈگىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. خەلق ئارىسىدا جۈزىنى كۆپ يېسە ئاسانلا «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار، ھازىرقى زامان تېببىي تەجرىبىسىدىن بايقىلىشىچە، «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا بىر خىل ياللۇغنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاقسىل بولۇپ، ئورگانىزمدا «قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش» ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئەمما جۈزىنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ، سورتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، جۈزە بىلەن يوۋزىنىڭ ھەتتا «ئىسسىقنى قايتۇرۇش» رولى بار.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى