جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى

(2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

日期:2017年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

53- نومۇرلۇق

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» 2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017- يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى

مۇندەرىجە

1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2- باب تور بىخەتەرلىكىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

3- باب تورنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكى

1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

2- پاراگراف ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكى

4- باب تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى

5- باب كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش

6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادنى، جەمئىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تور قۇرۇش، ئىشقا سېلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، شۇنىڭدەك تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، پائال پايدىلىنىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىدۇ، تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىگە تۈرتكە بولىدۇ، تور تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

4- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ ھەمدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە دائىر سىياسەت، خىزمەت ۋەزىپىلىرى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

5- ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچى- سىرتىدىن كېلىدىغان تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرى ۋە تەھدىتىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇمدىن، تاجاۋۇزدىن، كاشىلىدىن، بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلايدۇ، قانۇنغا خىلاپ تور جىنايى ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ، تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

6- ماددا دۆلەت سەمىمىي، ئىشەنچلىك، ساغلام، مەدەنىي بولغان تور ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تارقىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ تور بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىدۇ.

7- ماددا دۆلەت تور بوشلۇقىنى تىزگىنلەش، تور تېخنىكىسىنى يارىتىش، ئۆلچەم چىقىرىش، قانۇنغا خىلاپ تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال يولغا قويىدۇ، تىنچ، بىخەتەر، ئوچۇق بولغان، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، كۆپ تەرەپلىمە، دېموكراتىك، ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشتەك تور تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

8- ماددا دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى تور بىخەتەرلىكى خىزمىتى ۋە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

9- ماددا تور تىجارەتچىلىرى تىجارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

10- ماددا تور قۇرۇش، ئىشقا سېلىش ياكى تور ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە، تېخنىكىلىق تەدبىرلەر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تورنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تور جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، مەخپىيلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ساقلاش كېرەك.

11- ماددا تورغا ئالاقىدار ساھە تەشكىلاتلىرى نىزامنامە بويىچە ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ھەرىكەت قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

12- ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ توردىن قانۇن بويىچە پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، تورنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تور مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتكە بىخەتەر، قولايلىق تور مۇلازىمىتى قىلىدۇ، تور ئۇچۇرىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئەركىن يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلات توردىن پايدىلىنىشتا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا، جامائەت تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، توردىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە، شان- شۆھرىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىدىغان، تېررورىزم، ئەسەبىيزم، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشنى تەرغىب قىلىدىغان، زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق تۈسىنى ئالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان، يالغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ ۋە تارقىتىپ، ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزىدىغان، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ نامىغا، شەخسىيىتىگە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13- ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ، توردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

14- ماددا ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلات تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تور ئۇچۇرى، تېلېگراف، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ شۇ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار تارماققا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئالاقىدار تارماق پاش قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي تۇتۇشى، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

2- باب تور بىخەتەرلىكىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

15- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تور مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە بېكىتىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىپ تۇرىدۇ.

دۆلەت كارخانىلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، تورغا ئالاقىدار ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

16- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكىگە دائىر نۇقتىلىق تېخنىكا كەسىپلىرى ۋە تۈرلىرىگە يار- يۆلەك بولۇشى، تور بىخەتەرلىكى تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشقا مەدەت بېرىشى، بىخەتەر، ئىشەنچلىك تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، تور تېخنىكىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى، كارخانىلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

17- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئالاقىدار كارخانىلار، ئاپپاراتلارنىڭ تور بىخەتەرلىكى بويىچە ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش ۋە خەۋپ- خەتەرنى باھالاش قاتارلىق بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

18- ماددا دۆلەت تور سانلىق مەلۇماتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ، جامائەت سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، تور يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا مەدەت بېرىدۇ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

19- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تور بىخەتەرلىكىگە دائىر دائىملىق تەشۋىق- تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تور بىخەتەرلىكى تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى تاراتقۇلار تور بىخەتەرلىكى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قاراتمىلىق ھالدا جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈشى كېرەك.

20- ماددا دۆلەت كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ قاتارلىق تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3- باب تورنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكى

1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

21- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكىنى دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تور تىجارەتچىلىرى تور بىخەتەرلىكىنى دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمىدىكى تەلەپ بويىچە، بىخەتەرلىكنى قوغداشتا تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى، تورنىڭ كاشىلىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا ياكى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ تورغا چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى ياكى ئوغرىلىنىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك:

(1) ئىچكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى چىقىرىش، تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىنى بېكىتىش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(2) كومپيۇتېر ۋىرۇسى، تور ھۇجۇمى ۋە تور تاجاۋۇزى قاتارلىق تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛

(3) تورنىڭ ئىشلەش ئەھۋالى، تور بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى كۆزىتىدىغان، خاتىرىلەيدىغان تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ساقلىغان ئالاقىدار تور خاتىرىسى 6 ئايدىن كەم بولماسلىق؛

(4) سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرگە ئايرىش، مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاس ساقلاش ۋە شىفىرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

22- ماددا تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر يامان نىيەتلىك پىروگرامما ئورناتسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ تور مەھسۇلاتى، مۇلازىمىتىدە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە يوچۇق قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەرنى بايقىغاندا دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى، بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

تور مەھسۇلاتى تەييارلىغۇچى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق ئاسرىشى كېرەك؛ بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار بىلەن پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە بىخەتەرلىكنى قوغداشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ.

تور مەھسۇلاتى ۋە تور مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش ئىقتىدارى بولسا، تەمىنلىگۈچى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېنىق ئېيتىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك.

23- ماددا تورنىڭ ھالقىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە تور بىخەتەرلىكى مەخسۇس مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرىي تەلەپ بويىچە، سالاھىيەت ھازىرلىغان ئاپپاراتنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئىسپات بېرىشىدىن ئۆتكەن ياكى بىخەتەرلىكنى ئۆلچەشتە تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەندىن كېيىن سېتىشقا ياكى تەمىنلەشكە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تورنىڭ ھالقىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە تور بىخەتەرلىكى مەخسۇس مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسىنى چىقىرىدۇ، ئېلان قىلىدۇ ھەمدە بىخەتەرلىك ئىسپاتى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەكرار ئىسپات بېرىش ۋە تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ.

24- ماددا تور تىجارەتچىلىرى ئىشلەتكۈچىلەرگە تورغا ئۇلاش، دائىرە نامىنى رويخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى قىلىش، مۇقىم تېلېفون، يان تېلېفون قاتارلىقلارنى تورغا ئۇلاش رەسمىيىتى ئۆتەپ بېرىش ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۇچۇر ئېلان قىلىش، دەماللىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ياكى مۇلازىمەتنى جەزىملەشتۈرگەندە، ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى بەرمىگەنلىرىگە تور تىجارەتچىلىرى ئالاقىدار مۇلازىمەتنى قىلماسلىقى كېرەك.

دۆلەت تور ئىشەنچ سالاھىيىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ، سالاھىيەتنى بىخەتەر، قولايلىق ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت ئىسپاتى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت ئىسپاتى سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

25- ماددا تور تىجارەتچىلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، سىستېما يوچۇقى، كومپيۇتېر ۋىرۇسى، تور ھۇجۇمى، تور تاجاۋۇزى قاتارلىق بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

26- ماددا تور بىخەتەرلىكى ئىسپاتى بېرىش، تەكشۈرۈش، خەۋپ- خەتەرنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە، سىستېما يوچۇقى، كومپيۇتېر ۋىرۇسى، تور ھۇجۇمى، تور تاجاۋۇزى قاتارلىق تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

27- ماددا ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ تورىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش، باشقىلارنىڭ تورىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلىش، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاشقا ئوخشاش تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ تورغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش، تورنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلىش، شۇنىڭدەك مۇداپىئە تەدبىرلىرى، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاش قاتارلىق تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشقا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان پىروگرامما، قوراللارنى بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ئېلان بېرىپ كېڭەيتىش، چىقىمنى راسچوت قىلىش قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

28- ماددا تور تىجارەتچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جىنايەتنى رازۋېدكا قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

29- ماددا دۆلەت تور تىجارەتچىلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تەھلىل قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى قوللاپ، تور تىجارەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئالاقىدار ساھە تەشكىلاتلىرى ئۆز ساھەسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش قائىدىسى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى تەھلىل قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىشى، ئەزالارنى خەۋپ- خەتەردىن قەرەللىك ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى، ئەزالارنىڭ تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

30- ماددا تور ئۇچۇرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىغىلا ئىشلىتىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ.

2- پاراگراف ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكى

31- ماددا دۆلەت جامائەت خەۋەرلىشىشى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق، پۇل مۇئامىلە، جامائەت مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت قاتارلىق مۇھىم كەسىپ ۋە ساھەلەرنى، شۇنىڭدەك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئىقتىدارىنى يوقاتسا ياكى سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ قالسا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا، جامائەت مەنپەئىتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تور بىخەتەرلىكىنى دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمى ئاساسىدا نۇقتىلىق قوغدايدۇ، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كونكرېت دائىرىسى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ.

دۆلەت ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى دائىرىسىدە بولمىغان تور تىجارەتچىلىرىنى ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش سىستېمىسىغا ئىختىيارىي قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

32- ماددا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئىش تەقسىماتى بويىچە، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

33- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، كەسىپنىڭ مۇقىم، سىجىل يۈرۈشۈشىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا ھەمدە بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرلىرى بىلەن تەڭ پىلانلاش، تەڭ قۇرۇش ۋە تەڭ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

34- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21- ماددىسىدا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى تۆۋەندىكىدەك بىخەتەرلىكنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇش، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم قويۇش ھەمدە شۇ مەسئۇل كىشى ۋە ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنى بىخەتەرلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بويىچە تەكشۈرۈش؛

(2) كەسىپكارلارغا قەرەللىك ھالدا تور بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بېرىش، ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ماھارەت جەھەتتىن سىناش؛

(3) مۇھىم سىستېما ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاپەت ئېھتىياجى ئۈچۈن زاپاس ساقلاش؛

(4) تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ھەمدە قەرەللىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

35- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

36- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشتا، بەلگىلىمە بويىچە تەمىنلىگۈچى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش كېلىشىمى تۈزۈپ، بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

37- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى تىجارىتى داۋامىدا توپلانغان ۋە پەيدا بولغان شەخسىي ئۇچۇر ۋە مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى چېگرا ئىچىدە ساقلىشى كېرەك. ئۇلارنى كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن چېگرا سىرتىدىكىلەرگە بېرىشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقارغان چارە بويىچە بىخەتەرلىكنى باھالىتىشى كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

38- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار خەۋپ- خەتەرنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆزى تەكشۈرۈپ باھالىشى ياكى تەكشۈرۈپ باھالاشنى تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ باھالاش ئەھۋالى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئالاقىدار تارماققا يوللىشى كېرەك.

39- ماددا دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا، توردىكى بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىش؛

(2) ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرىنى تور بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي مانېۋىرغا قەرەللىك تەشكىللەپ، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛

(3) ئالاقىدار تارماقلار، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا تور بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن تەڭ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش؛

(4) تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە تور ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش.

4- باب تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى

40- ماددا تور تىجارەتچىلىرى ئۆزلىرى توپلىغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

41- ماددا تور تىجارەتچىلىرى شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشتە قانۇنلۇق بولۇش، ئورۇنلۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، توپلاش، ئىشلىتىش قائىدىسىنى ئاشكارىلىشى، ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى ئەسكەرتىشى ھەمدە ئۇچۇرى توپلانغانلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

تور تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز شەخسىي ئۇچۇرنى توپلىماسلىقى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى توپلىماسلىقى، ئىشلەتمەسلىكى ھەمدە ئۆزى ساقلىغان شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

42- ماددا تور تىجارەتچىلىرى ئۆزى توپلىغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويسا، ئۆزگەرتىۋەتسە، بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ؛ ئۇچۇرى توپلانغانلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى باشقىلارغا بەرسە بولمايدۇ. لېكىن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن مەلۇم شەخسنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، يەنە كېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلىمۇ بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تور تىجارەتچىلىرى تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزى توپلىغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، بۇزۇلۇپ كېتىشى ۋە يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەندە ياكى شۇنداق بولۇش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى، بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

43- ماددا شەخسلەردىن تور تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغان، ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغانلىرى تور تىجارەتچىلىرىدىن شەخسىي ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ تور تىجارەتچىلىرى توپلىغان، ساقلىغان شەخسىي ئۇچۇردا خاتالىق بارلىقىنى بايقىغانلىرى تور تىجارەتچىلىرىدىن تۈزىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تور تىجارەتچىلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ياكى تۈزىتىشى كېرەك.

44- ماددا ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا قانۇنسىز باشقا ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىۋېلىشىغا، شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇنسىز ھالدا سېتىشىغا ياكى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارغا بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

45- ماددا تور بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بىلىپ قالغان شەخسىي ئۇچۇر، شەخسىيەت ۋە سودا مەخپىيىتىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى شەرت، ئاشكارىلاپ قويسا، ساتسا ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بەرسە بولمايدۇ.

46- ماددا ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلات ئۆزىنىڭ توردىن پايدىلىنىش ھەرىكىتى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، باشقۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنى ياساش ياكى سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشقا ئىشلىتىدىغان تور پونكىتى، ئالاقە توپىنى قۇرۇشىغا، توردىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش، مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، باشقۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنى ياساش ياكى سېتىش شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47- ماددا تور تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرنى بايقىسا، شۇ ئۇچۇرنى يوللاشنى دەرھال توختىتىشى، ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قويۇشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

48- ماددا ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ يوللىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرى، بەرگەن ئەمەلىي يۇمشاق ماتېرىيالىغا يامان نىيەتلىك پىروگرامما ئورنىتىپ قويۇشىغا، ئۇنىڭدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تارقىتىش ياكى يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋە ئەمەلىي يۇمشاق ماتېرىيال چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئىشلەتكۈچىلىرىدە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندا، مۇلازىمەتنى توختىتىشى، ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى، ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قويۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

49- ماددا تور تىجارەتچىلىرى تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، ئەرز، پاش قىلىش شەكلىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى، تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئەرز ۋە پاش قىلىش مەلۇماتىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تور تىجارەتچىلىرى تور ئۇچۇرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

50- ماددا دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنى بايقىغاندا، تور تىجارەتچىلىرىدىن يوللاشنى توختىتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىن كەلگەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ھەققىدە ئالاقىدار ئاپپاراتلارغا تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىش ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

5- باب كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش

51- ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى بويىچە كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە ئۇچۇردىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تەھلىل قىلىش ۋە خەۋەرلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

52- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە ئۇچۇردىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە تور بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە يوللىشى كېرەك.

53- ماددا دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى باھالاش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە قەرەللىك مانېۋىر ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە قەرەللىك مانېۋىر ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى خەۋپ دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ھەمدە مۇناسىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى بەلگىلەش كېرەك.

54- ماددا تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈز بېرىش خەۋپى زورايغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ھەمدە تور بىخەتەرلىكى خەۋپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە قاراپ، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) ئالاقىدار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋە خادىملاردىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاپ، دوكلات قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى كۆزىتىشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) ئالاقىدار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرى ئۇچۇرلىرىنى تەھلىل قىلىش، باھالاش، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى، تەسىر دائىرىسى ۋە خەۋپ دەرىجىسىنى مۆلچەرلەش؛

(3) تور بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرى سىگنالىنى، خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش.

55- ماددا تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، تور تىجارەتچىلىرىدىن تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە زۆرۈر باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك سىگنال ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

56- ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، توردا چوڭراق بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى بارلىقىنى ياكى بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىسا، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، شۇ تور تىجارەتچىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنى چاقىرتىپ سۆزلەشسە بولىدۇ. تور تىجارەتچىسى تەلەپ بويىچە تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشى، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.

57- ماددا تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، تاسادىپىي ۋەقە ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

58- ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت تەرتىپىنى قوغداش، زور، تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى ياكى تەستىقى بىلەن، مۇئەييەن رايوندا تور خەۋەرلىشىشىگە چەك قويۇش قاتارلىق ۋاقىتلىق تەدبىرلەر قوللىنىلسا بولىدۇ.

6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

59- ماددا تور تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 21- ، 25- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرى ياكى تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33- ، 34- ، 36- ، 38- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

60- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقى، 2- تارمىقى ۋە 48- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) يامان نىيەتلىك پىروگرامما ئورناتقانلار؛

(2) مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە ساقلانغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە يوچۇق قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەرگە دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى جەھەتتىكى بىخەتەرلىك بويىچە ئاسراشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختىتىپ قويغانلار.

61- ماددا تور تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 24- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلمىغانلىرى ياكى ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى بەرمىگەن ئىشلەتكۈچىلەرگە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى قىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تور پونكىتىنى تاقاشقا بۇيرۇسا، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

62- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ئىسپاتى بېرىش، تەكشۈرۈش، خەۋپ- خەتەرنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى قىلغان ياكى سىستېما يوچۇقى، كومپيۇتېر ۋىرۇسى، تور ھۇجۇمى، تور تاجاۋۇزى قاتارلىق تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلار ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تور پونكىتىنى تاقاشقا بۇيرۇسا، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

63- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى قىلغان ياكى تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان پىروگرامما، قوراللارنى بەرگەن ياكى تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ئېلان بېرىپ كېڭەيتىش، چىقىمنى راسچوت قىلىش قاتارلىق ياردەملەرنى بەرگەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا 5 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا 5 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 27- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ 5 يىل ئىچىدە تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى ۋە تور تىجارىتى ھالقىلىق ئىش ئورنىدا ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ جىنايى جازا بېرىلگەنلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى ۋە تور تىجارىتى ھالقىلىق ئىش ئورنىدا ئىشلىشىگە ئۆمۈر بويى يول قويۇلمايدۇ.

64- ماددا تور تىجارەتچىلىرى، تور مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 22- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، 41- ماددىسىدىن 43- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسى ئۇچۇرنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم جازا بەرسە ياكى قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئالاقىدار كەسىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا، ئالاقىدار كەسىپ تىجارەتنامىسىنى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 44- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلىۋالغان ياكى ئۇنىڭغا قانۇنسىز باشقا ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىۋالغان، قانۇنسىز ھالدا ساتقان ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بەرگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

65- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 35- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەۋپسىزلىك بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن تور مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمىتىنى قىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئىشلىتىشنى ۋە مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

66- ماددا ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 37- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى چېگرا سىرتىدا ساقلىغان ياكى تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى چېگرا سىرتىدىكىلەرگە بەرگەنلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار كەسىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا، كەسىپ ئىجازەتنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

67- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 46- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلىشقا ئىشلىتىدىغان تور پونكىتى، ئالاقە توپىنى قۇرغان ياكى توردىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئېلان قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 5 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا 5 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلىشقا ئىشلىتىدىغان تور پونكىتى، ئالاقە توپىنى تاقىۋېتىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشى بارلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

68- ماددا تور تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 47- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنى يوللاشنى توختاتمىغان، ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان، ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قويمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرى ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار كەسىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇسا، ئالاقىدار كەسىپ ئىجازەتنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار، ئەمەلىي يۇمشاق ماتېرىيالنى چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 48- ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

69- ماددا تور تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرى ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنى يوللاشنى توختىتىش، ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدىرلىرىنى قوللىنىشتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەلىپىنى قايرىپ قويغانلىرى؛

(2) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلىرى؛

(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى رەت قىلغانلىرى.

70- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدا ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان قىلىش ياكى يوللاش مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان ياكى يوللىغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

71- ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.

72- ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى ئالاقىدار ئورگانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

73- ماددا تور ئۇچۇرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئېرىشكەن ئۇچۇرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

تور ئۇچۇرى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

74- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

75- ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن ھۇجۇم قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش يوللىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى شۇ ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ مال- مۈلكىنى توڭلىتىش تەدبىرى ياكى باشقا زۆرۈر جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

7- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

76- ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) تور دېگىنىمىز، كومپيۇتېر ياكى باشقا ئۇچۇر تېرمىنالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەردىن تەركىب تاپقان، مەلۇم قائىدە ۋە تەرتىپ بويىچە ئۇچۇر توپلاش، ساقلاش، يوللاش، ئالماشتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

(2) تور بىخەتەرلىكى دېگىنىمىز، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تورغا ھۇجۇم قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانۇنسىز ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تورنىڭ مۇقىم، ئىشەنچلىك ئىشلەش ھالىتىنى ساقلاش، شۇنىڭدەك تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، مەخپىيەتلىكى، ئىشلىتىشچانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

(3) تور تىجارەتچىلىرى دېگىنىمىز، تورنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

(4) تور سانلىق مەلۇماتى دېگىنىمىز، تور ئارقىلىق توپلانغان، ساقلانغان، يوللانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ.

(5) شەخسىي ئۇچۇر دېگىنىمىز، ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن، مۇستەقىل ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرىكىپ تەبىئىي شەخسنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئۇچۇرنى، جۈملىدىن تەبىئىي شەخسنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى، شەخسلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

77- ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان تورنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلغاندىن سىرت، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىش كېرەك.

78- ماددا ھەربىي تورنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

79- ماددا بۇ قانۇن 2017- يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)