ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارار

(2017- يىل5 -ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى)

日期:2017年06月06日
来源:新疆日报
【字体:

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ دەڭسىدى ۋە پىلانلىدى. 2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى بېكىتتى. 2017- يىل 3- ئاينىڭ 10- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يەنىمۇ ئېنىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. دائىمىي كومىتېتىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، تۆۋەندىكىچە قارار چىقاردى:

1. مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى قەتئىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە بارلىق خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم. ئەمەلىيەت مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىشنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.

2. قەتئىي تۈردە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، مەدەنىي تەرتىپكە ئېغىر خىرىس قىلىدۇ، ئۇ ئېغىر جىنايى قىلمىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئەڭ زور، ئەڭ بىۋاسىتە رېئال خەۋپ يەتكۈزىدۇ. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلق مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە زوراۋان- تېررورچى كۈچلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغدىشى لازىم. مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەر، قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىكى غوللۇق ئۇنسۇرلارنى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ، تېز ۋە قاتتىق جازالاپ، بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنىڭ دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، خەلقنى قوغداشتەك قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك.

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا ھەربىر پۇقراغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، قانۇن- ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى، ئىغۋا تارقاتماسلىقى، قۇتراتقۇلۇققا يول قويماسلىقى، قانۇنسىز يىغىلىش ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقى، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان- تېررورچىلارنى يۈرەكلىك پاش قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىشىنى پائال قوللىشى، ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى لازىم. مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان- تېرورچىلارنى پاش قىلغان، ئۈنۈملۈك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن پۇقرالارنى قوغداش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك؛ مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، يوشۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.

3. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە ئاڭلىق قوغدىشىمىز، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات قورغان بەرپا قىلىشىمىز لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، سىغدۇرۇش، زوقلىنىش، ئۆگىنىش، ياردەملىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىشىمىز لازىم. ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۇنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كىچىك ئىشلاردىن، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش، ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىن بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە ئولتۇراقلىشىش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئىشلەش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىشتەك ئىجتىمائىي شارائىت بەرپا قىلىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇپ، بىر- بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

4. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇشى، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى لازىم. ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي مەيدانىنى شەرھلەش، پارتىيەگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەتكە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى پائال ئىپادىلەش، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىنى، يامان غەرىزىنى، ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىش ۋە كۈرەش قىلىش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

5. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىدۇ، ئۇلار مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش جەھەتتە باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا، «تۆت ئاڭ»نى، باش نىشان يېتەكچى پىروگرامما، بايراق ۋە يۆنىلىش دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئادىل، ھەققانىي قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، ئۇنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە»نىڭ مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» ۋە «پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدا <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل بىلەن، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. زىممىسىدىكى شەرەپلىك بۇرچ ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى، «ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە»نىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، قەتئىي تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ سەمىمىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەستىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!