شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى

(2016- يىل 9– ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

日期:2017年05月19日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

28- نومۇرلۇق

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» 2016- يىل 9- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2016- يىل 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2016- يىل 9- ئاينىڭ 29- كۈنى

1- ماددا بۇ نىزام جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2- ماددا بۇ نىزام جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى دېگىنىمىز، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپى دېگىنىمىز، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى كۆرسىتىدۇ.

3- ماددا نوپۇسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بولغان ياكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا دائىم ئولتۇرۇشلۇق بولغان ھەم توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار (تۆۋەندە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار دېيىلىدۇ) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

مەكتەپكە كىرىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

4- ماددا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى، دەرسلىك پۇلى ۋە ياتاق پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

5- ماددا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا مەبلەغ سېلىپ مەكتەپ ئېچىشىغا، مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ ئېچىشىغا، ئىئانە توپلاپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

6- ماددا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئوبلاستلىق (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (تۆۋەندە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېيىلىدۇ) بىر تۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

8- ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

9- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، مۇقىملىشىش نىسبىتىنى ئاساسىي كۆرسەتكۈچ قىلغان تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشان- مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ھەم ئۇنى ئۈنۈم باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ.

10- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مايىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە جامائەت خىراجىتىگە پۇل ئاجرىتىش مېخانىزمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىدۇ.

11- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەم تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  يەرلىك مائارىپ قوشۇمچە كىرىمىنىڭ كەسپىي مائارىپقا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %30 تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

12- ماددا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى قەتئىي تۈردە خامچوتتىكى بەلگىلىمە بويىچە جايىغا ئىشلىتىش كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەكتەپتىن قانۇنسىز ھەق ئېلىشىغا ياكى مەكتەپكە سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەمۇرىي تەپتىش، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

13- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىپ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا قانۇن بويىچە سەپەرۋەر قىلىدۇ، تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

14- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئاھالە رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى سېلىشقا توغرا كەلسە، ئاھالە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ تۇتۇش قىلىش كېرەك.

مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئوقۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

15- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر) لەر ۋە شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ، دەرس، ئەمەلىي مەشىق بازىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

16- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە ئېلىپ قېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى؛ قوش تىللىق، قوش قىرلىق ئوقۇتقۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرخىل پەندىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق سەپلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشتىكى تۈرلۈك بايلىقلار ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بىرىنىمۇ قالدۇرماي تەربىيەلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە ئىش ئورنى تەسىس قىلىشقا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشى كېرەك.

17- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي ئېڭىنى، قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى؛ كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساھە، كارخانا ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە كەسىپ بويىچە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاشقا ئورتاق قاتنىشىشقا تەشكىللىشى ھەم كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

18- ماددا ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى ھەم تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىرىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ مەكتەپكە كىرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن توختىۋالغان بولسا، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

19- ماددا مەكتەپلەر ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر ئوقۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، مۇقىملىشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

20- ماددا مەكتەپلەر ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتە قالدۇرۇپ سىناش چارىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى چارە كۆرۈشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

21- ماددا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنى دۆلەت، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن دەرس لايىھەسى ۋە دەرس ئۆلچىمى بويىچە تەشكىللەپ، ئوقۇش- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەرسلىكنى ۋە دەرس سائىتىنى خالىغانچە كۆپەيتسە ياكى ئازايتسا بولمايدۇ.

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي مائارىپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

22- ماددا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن كەسىپ مۇندەرىجىسى، كەسپىي ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، ئوقۇتۇش پىلانى، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ياكى دەرس ئۆلچىمى، كەسپىي ئەسۋاب- ئۈسكۈنە ۋە بېكىتىلگەن دەرسلىكلەر بويىچە ئوقۇتۇشى كېرەك.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي ئوقۇتۇش يېتەكچىلىك لايىھەسى، دەرس ئۆلچىمى ۋە مەكتەپنىڭ خاس دەرسلىكىنى تۈزسە بولىدۇ.

23- ماددا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر تەربىيەلەش نىشانىنى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ۋە دەرسلىك ئوقۇتۇشىنى كەسىپ دەرىجىسى، ساھە ئۆلچىمى، كارخانا ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىشى كېرەك.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېخنىكىلىق، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئەمەلىي مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قۇرغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكىسىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان كارخانا ياكى تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە باج قاتارلىقلاردا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

24- ماددا مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلىش؛

(2) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاش ياكى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېجىرىش؛

(3) قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

25- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) زورلاش، ئازدۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى دىن نامى بىلەن، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئارىلىشىپ، ئۇلارنى ئوقۇشسىز قالدۇرۇپ قويۇش، مەكتەپتىن توختىتىپ قويۇش؛

(2) مەكتەپتە دىن ئىدىيەسىنى تارقىتىش، دىنىي پائالىيەتكە تەشكىللەش؛

(3) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تىللاش، ھاقارەتلەش، تەھدىت سېلىش، ئۇرۇش؛

(4) ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ئارىلىشىش، دەخلى يەتكۈزۈش ياكى مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك باشقا قىلمىشلار.

26- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ تەپتىشلىكى ئاپپاراتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى تەپتىش قىلىپ، تەپتىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ تەپتىشلىكى ئاپپاراتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپى ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىش، باھالاشنى قەرەللىك تەشكىللەيدۇ.

27- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ھەم نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

28- ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 8 –، 13- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشكە سەپەرۋەر قىلمىغان، تەشكىللىمىگەن ۋە ھەيدەكچىلىك قىلمىغان ياكى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللانمىغانلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

29- ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

30- ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 24- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

31- ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

32- ماددا بۇ نىزام 2016- يىل 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)