جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى

(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)

日期:2017年04月18日
来源:新疆日报
【字体:

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»گە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي، ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى يولغا قويىدىغان سىياسىي ئورگان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يولغا قويىدىغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان، پارتىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجرا قىلغۇچى ئورگان، ئۇ ئاساسلىقى بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)، فۇنكسىيەلىك تارماق، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە ۋاكالەت ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزام مەركەز ۋە يەرلىكتىكى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىدا تەسىس قىلىنغان ياكى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى باشقۇرىدىغان ئورگانلار مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ، قانۇن-نىزام ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە پارتىيە نىزامنامىسى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

4-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش؛

(2) پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، تەشكىلىي لۇشيەنى ۋە ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش؛

(3) دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ئورگان خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛

(4) ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىردەك ماسلاشتۇرۇش، ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بويىچە ئادا قىلىش؛

(6) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانۇن، نىزام بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش.

2-باب تەسىس قىلىش

5-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىشتا، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، ئىخچام، بىرلىككە كەلگەن، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش ۋە چەك قويۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك.

خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى مەسئۇلىيىتى ئوخشاپ كېتىدىغان دۆلەت ئورگىنى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىنسا ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرسىمۇ بولىدۇ. بىرلەشتۈرۈپ ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرسىمۇ، يەنىلا پارتىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دائىملىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولغان ئىشلارنى ھازىرقى خىزمەت ئورگىنىنىڭ باش بولۇپ ماسلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرغىلى بولسا ياكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش يولى ھەل قىلغىلى بولسا، دائىملىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ئايرىم تەسىس قىلىنمايدۇ.

6-ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىشنى مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات، ئىشتات باشقۇرۇش تارمىقى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرتىپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلاپ قارار قىلىشىغا يوللايدۇ.

يەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىشنى تەڭ دەرىجىلىك ئاپپارات، ئىشتات باشقۇرۇش تارمىقى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا يوللىغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

7-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە تەدبىر بەلگىلەش شەكلى بۆلۈم (بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانا) ئىشلىرى يىغىنى ياكى كومىتېتى بولىدۇ، ئۇ ئادەتتە باش ۋەزىپىدىكى، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى، ئەۋەتىلگۈچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە باشقا ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەر سانى خىزمەت ئېھتىياجى ۋە قاتتىق كونترول قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا بېكىتىلىدۇ.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىكىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى قوشۇمچە ئۆتىگەن بولسا، كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىدىغان دائىمىي مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى رەھبەر قويۇشقا بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرىغا باش ۋەزىپىدىكى رەھبەر ياردەمچىسى قويۇلمايدۇ، ئادەتتە، باش كاتىپ قويۇلمايدۇ. ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغا باش كاتىپ قويۇشقا بولىدۇ.

8-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراش ۋە ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە زۆرۈر ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلسا بولىدۇ. ئىچكى ئاپپاراتنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىش بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىلىدۇ.

9-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىغا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىشتات ئىچىدە ئورگان خىزمەتچىسى قويۇلىدۇ.

3-باب مەسئۇلىيەت

10-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ھوقۇقى بىلەن مەسئۇلىيىتى بىردەك بولۇشى كېرەك، مەسئۇلىيىتى ئادەتتە پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتى ئالاقىدار فۇنكسىيە، ئىچكى ئاپپارات، خادىم ئىشتاتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

پارتىيە كومىتېتى ئۆزى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى خىزمەت ئورگىنىغا تاپشۇرسا بولمايدۇ.

11-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، شۇنىڭدەك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمر-پەرمانلارنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

(2) مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ تارقىتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇش؛

(3) پارتىيە كومىتېتىغا ياخشى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش؛

(4) ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش؛

(5) پارتىيە كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورگىنى تاپشۇرغان ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىش.

12-ماددا پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارمىقى، ئۇ پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان كونكرېت ئىشلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

13-ماددا پارتىيە كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتىكى خىزمىتىگە مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق بولۇپ، ئۇ بەلگىلىمە بويىچە نىسپىي مۇستەقىل باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدۇ، ئالاقىدار سىياسەت، نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

14-ماددا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياردەملىشىپ مەلۇم جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلارنى بېجىرىدىغان ئاپپارات، ئۇ ئادەتتە پارتىيە كومىتېتى ساھە، تارماق ھالقىغان مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دائىملىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىغا خاس ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇئەييەن باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى پارتىيە كومىتېتى مۇئەييەن ساھە، كەسىپ، سىستېمىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن خىزمەت ئورگىنى، ئۇ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شۇ ساھە، كەسىپ، سىستېمىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

16-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەك بولۇشى شەرت. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى بويىچە ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇننىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا باشتىن-ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە كەسپىي ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، خىزمەت قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

4-باب تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش

17-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى شەرت، رەھبەرلىك بەنزىلىرى كوللېكتىپ رەھبەرلىك بىلەن شەخسلەر ئىش تەخسىملەپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. شۇ ئورگاننىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

18-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى بۆلۈم (بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانا) ئىشلىرى يىغىنى، كومىتېت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك:

(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارار، يوليورۇق ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛

(2) شۇ ئورگاننىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛

(3) شۇ ئورگاننىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش، مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇھىم تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش؛

(4) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياكى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورگانلىرىدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشقا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى قاراپ چىقىش؛

(5) شۇ ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛

(6) باشقا مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشى، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشى كېرەك. چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى ئادەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئېلىش، كەسپىي باھالاش، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

19-ماددا بۆلۈم (بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانا) ئىشلىرى يىغىنى ۋە كومىتېت يىغىنىنى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يىغىن چاقىرغۇچى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنى بېكىتسە بولىدۇ. مەخسۇس خادىم ئەينەن خاتىرە قالدۇرىدۇ، قارار قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدا يىغىن خاتىرىسى يېزىپ چىقىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپقا سېلىپ ساقلايدۇ.

20-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

21-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۆلۈم باشلىقى(مۇدىر، شۇجى) ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، بۆلۈم (بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانا) ئىشلىرى يىغىنى، كومىتېت يىغىنىدا قارار قىلىنغان ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، تۈرتكىلىك قىلىدۇ ۋە مەخسۇس خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە، مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۆلۈم باشلىقى(مۇدىر، شۇجى) ئىش بېجىرىش يىغىنى، كومىتېت يىغىنىنى بۆلۈم باشلىقى(مۇدىر، شۇجى) رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ ياكى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزاسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ. بۆلۈم باشلىقى(مۇدىر، شۇجى) ئىش بېجىرىش يىغىنى بۆلۈم(بەنگۇڭتىڭ، ئىشخانا) ئىشلىرى يىغىنى، كومىتېت يىغىنىنىڭ ئورنىدا تەدبىر چىقارسا بولمايدۇ.

22-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مېڭىسىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك-تەلەپچان بولۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى نەمۇنىلىك بىلەن ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي قوغداپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياخشى مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكىلىك قىلىشى كېرەك.

5-باب نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش

23-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك خىزمەت ئەھۋالىنى پارتىيە كومىتېتىغا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم دوكلات قىلىشى، مۇھىم ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ۋاقتىدا يوليورۇق سورىشى، دوكلات قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇم مۇھىم يوليورۇقى ۋە قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىشى كېرەك. شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى چىقارغان نامۇۋاپىق قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى، پارتىيە كومىتېتى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتى ۋە ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

24-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى، خىزمەت، پاكلىق ۋە ئەخلاق مەلۇماتى بېرىپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

25-ماددا پارتىيە كومىتېتى ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالىشى كېرەك. كونكرېت خىزمەتلەرگە پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىلات تارمىقى مەسئۇل بولۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى مەلۇم دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

26-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىدىن بۇ نىزامدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى، قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىدىي تەربىيە بېرىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھ بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؛ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ چارە كۆرۈلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

27-ماددا ئاپپارات، ئىشتات باشقۇرغۇچى تارماق پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىچكى ئاپپاراتى، خادىم ئىشتاتى بەلگىلىمىسىنى مۇشۇ نىزام بويىچە ئىلمىي تۈزۈپ چىقىپ، تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پارتىيە كومىتېتى ھۆججىتى ياكى پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانىسى) ھۆججىتى شەكلىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

28-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئالاقىدار بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

29-ماددا بۇ نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى بىلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات، ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولىدۇ.

30-ماددا بۇ نىزام 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.