شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى

(2019- يىلى 3- ئاي) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

日期:2019年03月20日
来源:新疆日报
【字体:

 مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

بىرىنچى، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

ئىككىنچى، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولۇشى

ئۈچىنچى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي قىلمىش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى

تۆتىنچى، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى

بەشىنچى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى

ئالتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى    

يەتتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتناشتى

ئاخىرقى سۆز


   كىرىش سۆز

تېررورىزم − ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. تېررورچى كۈچلەر زورلۇق ئىشلىتىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە تۇغدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئاسانلا پەيدا قىلىپ، كىشىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا بىۋاسىتە تەھدىت سالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەيدىغان، پىلانلايدىغان، ئېلىپ بارىدىغان، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۈچ خىل كۈچ» دېيىلىدۇ)نىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتىگە قارىتا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى.

جۇڭگو سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن.

بىرىنچى، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 1 مىليون 660 نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلۇپ كەلگەن مۇھىم ئۆتەڭ، داڭلىق «يىپەك يولى» بۇ يەردە قەدىمكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى باغلاپ تۇرغان. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، مىللەتلەر ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئېجىل ئۆتۈپ كەلدى، بىر نىيەتتە بولدى، ئىناق تەرەققىي قىلدى.

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلار قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان، چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. چىن، خەن سۇلالىسىدىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن ئىككى فېئودال خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىگە ئايلاندى، شىنجاڭ رايونى باشتىن - ئاخىر جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەندىزىسى ئاستىدا تەرەققىي قىلىپ كەلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىدا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇردى، بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مىلادىيە 123- يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى غەربىي يۇرت جاڭشى مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزدى. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ساۋۋېي ھاكىمىيىتى خەن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، غەربىي يۇرتتا ۋۇجى چېرىكچىبېگى تەسىس قىلدى. غەربىي جىن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا غەربىي يۇرت جاڭشىسى ۋە ۋۇجى چېرىكچىبېگى تەسىس قىلىپ، ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇردى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئايماق - ناھىيە تۈزۈمى غەربىي يۇرت دائىرىسىدە كېڭەيتىلدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىرتۇتاش باشقۇردى، ئۇدۇن بەگلىكى ئۆزىنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئۇرۇقىغا تەۋە دەپ قاراپ، تاڭ سۇلالىسى خانىنىڭ لى دېگەن فامىلىسىنى قوللاندى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئولپان تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتى (سۇڭ سۇلالىسى)نى تاغام دەپ ھۆرمەتلەپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ غەربىي ئايماقتىكى جىيەنى دەپ ئاتىدى. قاراخانىيلار خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرۇپ كەلدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بېشبالىق باش ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسى، ئايغاقچى مەھكىمىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاپپارات− قومۇل ياساۋۇل مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلار توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ رايونىغا تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 1762- يىلى ئىلى جياڭجۈنىنى تەسىس قىلىپ، ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلار بىرلەشكەن ھەربىي مەھكىمە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى؛ 1884- يىلى شىنجاڭ رايونىنى ئۆلكە قىلىپ قۇردى. 1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. گەرچە شىنجاڭ رايونىدا تارىختا بەزى سۇلالە، خانلىق ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى، ھەممىسى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس. شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. قەدىمدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ رايونىدا ئىزچىل كۆپ مىللەت ياشاپ كەلدى، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، باردى - كەلدى قىلىشى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭنى ئەڭ دەسلەپتە ئاچقانلار بولسا، چۈنچيۇ، جەنگو دەۋرىدە تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان ساكلار، روۋجىلار، ۋۇسۈنلار، چياڭلار، كۈسەنلىكلەر، ئاگنىلىقلار، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار، ساكارىئۇللۇقلار، كىرورانلىقلار، چېشى قاتارلىقلار. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھۇنلار، خەنلەر، چياڭلار، ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سىيانپىي، جورجان، قاڭقىل، ئېفتالىت، تۇيغۇن، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك، تۈبۈت، قەدىمكى ئۇيغۇر، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىتان، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى موڭغۇل، جۇرجىت، تاڭغۇت، قازاق، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، داغۇر، خۇيزۇ، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى نۇرغۇن ئاھالە ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى ئورتاق ئاچقۇچىلاردۇر. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇستىن ئىبارەت 13 ئاساسلىق مىللەت شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىشىش ئەندىزىسى شەكىللەندى. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن خۇيخېلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى ئىلگىرى ۋۇخۇ، ۋۇخې، يۈەنخې، ۋېيخې، خۇيخې دەپ كۆپ خىل تەرجىمە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا، تۈركنىڭ زۇلمى ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قەدىمكى ئۇيغۇرلار تېلې قەبىلىلىرىدىكى بارغۇت، تۇڭرالار بىلەن بىرلىشىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. 744- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئاقساقال كۆل بىلگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلغان. 788- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانى تاڭ سۇلالىسىگە مەلۇمات يوللاپ، نامىنى خۇيخۇغا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. 840- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچۈپ، خەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ھازىرقى جىمىسار رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ بىر تارمىقى خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يۈگۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تارمىقى پامىرنىڭ غەربىگە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرقى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارغا تارقىلىپ، قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنزۇلار، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار، كۈسەنلىكلەر، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى خەنزۇ تىلىدا يەنە «(畏(wèi) 兀(wù) 儿(ér» دەپ ئاتالغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇغۇرۇلۇپ، موڭغۇللار، بولۇپمۇ چاغاتاي خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار (畏兀儿)بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا يېڭى قان تولۇقلىغان. 1934- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت پەرمانى ئېلان قىلىپ، «维吾尔»نى ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇچە قېلىپلاشقان نامى قىلىپ بىرتۇتاش قوللىنىشنى قارار قىلدى، بۇ سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىتتىپاقىمنى قوغداش دېگەن مەنىدە بولۇپ، Uyghur دېگەن نامنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى تۇنجى قېتىم توغرا ئىپادىلەپ بەردى.

شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا شىنجاڭ رايونى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان رەڭلىك ساپال بۇيۇملار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، خېنەن ئەنياڭدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ فۇخاۋ قەبرىسىگە شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان نۇرغۇن بۇيۇملار ھەمدەپنە قىلىنغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە - يوسۇن تۈزۈمى، كىتابلىرى، مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار شىنجاڭ رايونىغا كەڭ تارقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باربىت، چياڭ نېيى قاتارلىق چالغۇلارمۇ شىنجاڭ رايونىدىن ياكى شىنجاڭ رايونى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مۇزىكىسىغا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى، قازاقلارنىڭ ئايتىس سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، موڭغۇللارنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئەتىۋارلىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بار. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ رايونىنىڭ مەدەنىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن شىنجاڭ رايونى مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن، شىنجاڭ رايونى مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك ئوبيېكتىپ پاكىتمۇ ئۆزگىرىپ كەتمىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى قىلغاندىلا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە شىنجاڭ رايونىدىكى ئاھالىلەردە ئىپتىدائىي دىن قارىشى پەيدا بولغان ھەمدە شامان دىنىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن بۇرۇن، شىنجاڭ رايونىدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن باشلاپ، شەرق ۋە غەربتە كەڭ تارقالغان بەزى دىنلار يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭ رايونىغا ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ كىرگەن. ئەڭ دەسلەپتە زوروئاستىر دىنى تارقىلىپ كىرگەن. تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرىپ، تەدرىجىي ھالدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دىنغا ئايلانغان، بۇنىڭ بىلەن بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇدۇن، سۇلى، كۈسەن، قوچۇ قاتارلىق داڭلىق بۇددا دىنى مەركەزلىرى شەكىللەنگەن. مىلادىيە 4- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە، بۇددا دىنى گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. شۇ مەزگىلدە زوروئاستىر دىنىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان. 5- ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە، تويىن دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ، ئاساسلىقى تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردا كەڭ ئومۇملىشىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان ھەم بىر مەھەل قايتا گۈللەنگەن. 6- ئەسىردە مانى دىنى ۋە نېستورىيان دىنى)خىرىستىيان دىنىنىڭ نېستورىي مەزھىپى (كەينى - كەينىدىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن. 10- ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە، نېستورىيان دىنى نۇرغۇن جايلاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن تەدرىجىي گۈللەنگەن. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام دىنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا تارقىلىپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى ئەسلىدىكى دىن ئەندىزىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. قاراخانىيلار خانلىقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن بەگلىكىگە قارىتا 40 نەچچە يىللىق دىن ئۇرۇشى قوزغىغان، 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇدۇننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام دىنىنى بۇ رايونغا مەجبۇرىي كېڭەيتكەن، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، شىمالىي شىنجاڭدا بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن. 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىسلام دىنىنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىغا ۋە قومۇل ئەتراپىغا تەدرىجىي كېڭەيتكەن. 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شىنجاڭ رايونىدا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن. 18- ئەسىردىن باشلاپ، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىردى. ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساس قىلىنىش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى. ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئامما يەنىلا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئىككىنچى، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولۇشى

بۆلگۈنچىلىك شىنجاڭدىكى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ مەنبەسى. ئۇزاقتىن بۇيان، تېررورچى كۈچلەر بىلەن ئەسەبىي كۈچلەر شىنجاڭنىڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى كۆپتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ھەدەپ داغدۇغا پەيدا قىلدى.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى تەلۋىلەشكەن بۆلگۈنچىلەر ۋە دىن ئەسەبىيلىرى كونا مۇستەملىكىچىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش بىر يۈرۈش «پانتۈركىزم» «پانئىسلامىزم» نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ بىردىنبىر «ئىگىسى»، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەمەس، ئىسلام دىنى شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر بىردىنبىر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن دەپ ئاغزىغا كەلگەنلىرىنى بىلجىرلىدى؛ تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ، «ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن» دۆلەتنى تەشكىللەپ، «شەرقىي تۈركىستان» قۇرايلى دەپ داۋراڭ سالدى؛ جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بىرلىكتە بەرپا قىلغانلىقىدەك تارىخنى ئىنكار قىلىپ، «تۈرك مىللىتىدىن باشقا بارلىق مىللەتكە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك»، «كاپىرلار»نى يوقىتايلى دەپ جار سالدى.

20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 40- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە، «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى شىنجاڭنى پارچىلاپ ۋە كونترول قىلىپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «پانتۈركىزم» «پانئىسلامىزم»نى ھەدەپ تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورىزمنى تەرغىب قىلىپ، بىر قاتار بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىدى ۋە پىلانلىدى. 1915- يىلى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر مەسئۇد ئىلىغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ئاشكارا تارقاتتى. 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى قۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، بۇ يوقىلاڭ ئىش ئۈچ ئايغا قالمايلا بېسىقتى. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرى قۇرغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» 1 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا گۇمران بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىلمۇخىل بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ۋە بۆلگۈنچىلەر «شەرقىي تۈركىستان» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ كەلدى.

1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىشقا ئاشتى. لېكىن «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋاسىتە تاللىماي تەشكىللىدى، پىلانلىدى، يولغا قويدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭدا كۆپ قېتىم توپىلاڭ قوزغاپ، «ئۇيغۇرلار ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراق ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك» «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرايلى» دېگەننى شوئار قىلدى. 60- يىللاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى»، «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» توپىلىڭى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاخۇنوۋ گۇرۇھى قوراللىق توپىلىڭى يۈز بەردى. 70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرى 80- يىللارنىڭ باشلىرىدا، دىنىي ئەسەبىزم شىنجاڭغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىڭىپ كىردى. 80- يىللاردىن كېيىن، دىنىي ئەسەبىزم تېررورىزم بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەينەت ئېقىمغا ئايلاندى.

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئامېرىكا «11- سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ۋە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ يەر شارىۋى يامرىشىنىڭ تەسىرىدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «غازات» قىلىش ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرىمىز دەپ جار سالدى. ئۇلار مىللەت، دىننى نىقاب قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تارقىتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بەزىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭدى. ئۇلار «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلەرنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، بەزىلەرنى تامامەن ئۆزلىرىنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىكى ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچىلارغا، ھەتتا قانخور ئىبلىسلارغا ئايلاندۇردى.

دىنىي ئەسەبىزم ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالدى، لېكىن دىنىي ئەقىدىگە تامامەن خىلاپلىق قىلدى، بۇ ئىسلام دىنى ئەمەس. ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇلار ئەسەبىي ئىدىيەنى دىنغا باغلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا باغلاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باغلاپ، ئاممىنى «ئاللادىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە بويسۇنماسلىق»قا قۇترىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى؛ ئەسەبىي قىلمىشلارغا ئەمەل قىلمايدىغان بارلىق كىشىلەرنى كاپىر، دىنىي خائىن، مىللىي مۇناپىق دەپ قاراش كېرەك، دېگەننى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھاقارەتلەش، چەتكە قېقىش، يېتىم قالدۇرۇشقا قۇتراتتى؛ زامانغا لايىق بارلىق مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىپ ۋە چەتكە قېقىپ، تېلېۋىزور كۆرۈشكە، رادىيو ئاڭلاشقا، گېزىت - ژۇرنال ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۆلۈم - يېتىمدا يىغا - زارە قىلماسلىق، توي - تۆكۈندە كۈلكە - چاقچاق قىلماسلىققا مەجبۇرلاپ، كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشىنى چەكلىدى، ئاياللارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىدى؛ «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ، يېمەكلىككىلا ئەمەس، دورا، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە مۇسۇلمانچە بەلگىسىنى چاپلىدى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان رەڭدار، شانلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە كۆز يۇمۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋى مەدەنىيلىكنى ئىنكار قىلغانلىق، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن چېقىلغانلىق.

ئۈچىنچى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي قىلمىش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى

بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى تېررورىزم كۈچلىرى، ئەسەبىزم كۈچلىرى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەدەپ ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلقىگە ئىنتايىن زور ئازاب كەلتۈردى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1990- يىلىدىن 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) تۇغدۇرغان، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغان، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، مۆلچەرلىگۈسىز مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەن.

ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. 1992- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو ھەر مىللەت خەلقى چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 52- يول، 30- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا 2 پارتلىتىش دېلوسى سادىر قىلىپ، 2 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ۋەيران قىلىپ، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 23 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1997- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى، «شەرقىي تۈركىستان» تېررورچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2- يول، 10- يول، 44- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلىتىش دېلوسى سادىر قىلىپ، 3 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ۋەيران قىلىپ، 9 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 68 يولۇچىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، 2 تېررورچى قەشقەر شەھىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك كوچىسى دوقمۇشىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى بۇلاپ، شوپۇرنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئامما ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ھەمدە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يول بويىدىكى ئاممىغا پىچاق سېلىپ، 8 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 27 ئادەمنى يارىلاندۇردى؛ ئەتىسى تېررورچىلار مۇشۇ شەھەرنىڭ خەلق غەربىي يولى شياڭشيې پىيادىلەر كوچىسىدا يولدىن ئۆتكەنلەرنى تەلۋىلەرچە چاناپ، 6 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 15 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، 9 تېررورچى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بەخت يولى پىيادىلەر كوچىسىدا پىچاق كۆتۈرۈپ ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ، 15 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 20 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭلىق 8 تېررورچى كۇنمىڭ شەھىرى پويىز ئىستانسىسى مەيدانى ۋە بېلەت سېتىش زالىدا پىچاق كۆتۈرۈپ، ئاممىنى تەلۋىلەرچە چاناپ، جەمئىي 31 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 141 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، 2 تېررورچى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ئامما ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، بىرسى پىچاق چىقىرىپ ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ، يەنە بىرسى چاماداندىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 79 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، 5 تېررورچى 2 دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازارنىڭ مۇھاپىزەت توسۇقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاممىنى سوقۇپ، باستۇرۇپ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ، 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 94 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، بىر توپ تېررورچى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 18 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

دىنىي زاتلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. 1993- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2 تېررورچى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى جامە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابلىز داموللىنى پىچاق تىقىپ ئېغىر يارىلاندۇردى. 1996- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، 2 تېررورچى نىقابلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەسچىتنىڭ مۇئاۋىن ئىمامى ھاكىم سىدىق ھاجىنىڭ ئۆيىگە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 1996- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى ھارۇنخان ھاجى مەسچىتكە دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا كېتىۋاتقاندا، 4 تېررورچى ئارقا - ئارقىدىن 21 يېرىگە پىچاق تىقىپ، ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇردى. 1997- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، تېررورلۇق شايكىسى چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىقىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئاقسۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، باي ناھىيەسىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى يۇنۇس سىدىق داموللىنى مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا كېتىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈردى. 1998- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى، بۇ تېررورلۇق شايكىسى يەنە مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا كېتىۋاتقان باي ناھىيەسى جامە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابلىز ھاجىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىكى 74 ياشلىق جۈمە تاھىر داموللا بامدات نامىزىدىن قايتىۋاتقاندا 3 تېررورچى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.

ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. 1998- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» چېگرا سىرتىدا مەشىقلەندۈرۈلگەن تېررورچىلارنى چېگرا ئىچىگە ئەۋەتىپ، ئۈرۈمچى سودا شەھەرچىسى، توپ سېتىش بازىرى، مېھمانخانا قاتارلىق ئادەم توپلاشقان نۇرغۇن جايغا ئۆزلۈكىدىن يانىدىغان خىمىيەلىك قۇرۇلمىدىن 40 نەچچىنى قويۇپ، ئوت قويۇش دېلوسىدىن 15نى سادىر قىلدى. 2008- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، تېررورچى ئايروپىلاننى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان نىقابلىق قۇرۇلمىنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان CZ6901 نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئېلىپ چىقىپ، بوشلۇق تالاپىتى تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇندى. 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان GS7554 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا 6 تېررورچى ئامېرىكا «11- سېنتەبىر» ۋەقەسىنى دوراپ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلاپ، ئايروپىلاننى بۇلاشقا ئۇرۇندى. 2013- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭلىق 3 تېررورچى 31 تۇڭ بېنزىن، 20 تال چاقماق، ئۇزۇن - قىسقا 5 پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەك قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، جېپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېيجىڭ تيەنئەنمېن دەرۋازىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پىيادىلەر يولىغا بۆسۈپ كىرىپ، ساياھەتچى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنى غالجىرلاشقان ھالدا سوقتى، جىنشۈيچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ توسۇقىغا سوقۇلۇپ توختاپ قالغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بېنزىنغا ئوت يېقىپ، ئاپتوموبىلنى كۆيدۈردى، چەت ئەللىك 1 ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 40 نەچچە ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھۇجۇم قىلدى. 1996- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى، 6 تېررورچى ئاپتوموبىل بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى جاڭگىلىئەسكى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ، تېلېفون سىمىنى كېسىپ ئۈزۈۋېتىپ، 1 مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بىلەن دىجورنىلىق قىلىۋاتقان 1 ساقچىنى ئۆلتۈردى؛ ئارقىدىن يەنە 3 ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە 1 سۇ باشقۇرغۇچىنى تۇتقۇن قىلىپ، 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جاڭگالغا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 1999- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، بىر توپ تېررورچى قورال - ياراغ، پىچاق، كۆيدۈرۈش - پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى سەيلى يېزىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئارقا - ئارقىدىن تاشلاپ، ئوق چىقىرىپ، 1 بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى ئەزاسى ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان 1 جىنايەت گۇماندارىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، 1 خەلق ساقچىسى ۋە 1 بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى ئەزاسىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى، ساقچىخانىنىڭ 10 ئېغىز ئۆيى، 1 جېپ ئاپتوموبىلى، 3 موتوسىكلىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، تېررورچىلار ئوغرىلاپ كەلگەن ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، قەشقەر شەھىرى سەمەن يولىدا ئەتىگەنلىك مەشىققە چىققان جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ قوراللىق ساقچى سېپىنى ئارقىدىن سوقۇپ ھەمدە ئۆزى ياسىۋالغان قول بومبىسىنى تاشلاپ، 16 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 16 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا بىر توپ تېررورچى پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساۋاتقاندا، ئائىلە زىيارىتى قىلىۋاتقان مەھەللە خادىملىرى بايقاپ قالغاچقا، 3 مەھەللە خادىمىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈۋەتتى، بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى، خەلق ساقچىلىرى تېررورچىلارنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچراپ، جەمئىي 15 ئادەم ئۆلدى، 2 ئادەم ئېغىر يارىلاندى. 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، كۆپلىگەن تېررورچى تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانا، ئالاھىدە چارلىغۇچى ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش مەيدانىغا كەينى - كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، 24 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 25 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، بىر توپ تېررورچى پىچاق - پالتا كۆتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ئىلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەتكە، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تېررورچى بۇ ناھىيەنىڭ خاڭدى بازىرىغا بېرىپ، ئاممىنى چاناپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى چېقىپ، كۆيدۈرۈپ، 37 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 13 ئادەمنى يارىلاندۇردى، 31 ئاپتوموبىلنى چېقىۋەتتى، كۆيدۈرۈۋەتتى. 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، تېررورچىلار بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازارلىق ساقچىخانا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تېرەكبازار يېزىلىق ساقچىخانا، ناھىيە بازىرىدىكى بىر دۇكان قاتارلىق جايلارنى پارتلىتىپ، ھۇجۇم قىلىپ، 10 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 54 ئادەمنى يارىلاندۇردى، 79 ئاپتوموبىلنى زىيانغا ئۇچراتتى. 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، 4 تېررورچى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزى ياسىۋالغان كۆيدۈرۈش - پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ، خادىملارنى چاناپ، 2 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 3 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

غەرەزلىك ھالدا توپىلاڭ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇردى. 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ تەشكىللىشى، پىلانلىشى بىلەن، بىر توپ تېررورچى ئاپتومات، تاپانچا، پارتلاتقۇچ، گىرانات قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ، 200دىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، 10 ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى، 6 قوراللىق ساقچىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتتى، 2 ئاپتوموبىلنى پارتلىتىۋەتتى. 1997- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئاللا پارتىيەسى» غۇلجا شەھىرىدە «5- فېۋرال» ئېغىر ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەسىنى پىلانلاپ، تۇغدۇرۇپ، 7 ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتتى، 198 ئامما، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى، قوراللىق ساقچىنى يارىلاندۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 64 ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇردى، 30 نەچچە ئاپتوموبىلنى ۋەيران قىلىۋەتتى، 2 ئۆينى كۆيدۈرۈۋەتتى. 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ماسلىشىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى چۆچۈتكەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى ۋەقەسىنى تەشكىللىدى، پىلانلىدى، ئېلىپ باردى، نەچچە مىڭ تېررورچى شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن جايدا بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلىپ، ئاممىنى تەلۋىلەرچە ئۆلتۈردى، ھۆكۈمەت ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى ئورنى، ئاھالە تۇرالغۇسى، دۇكان، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىي 197 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 1700دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى، 331 دۇكان، 1325 ئاپتوموبىلنى چېقىۋەتتى، كۆيدۈرۈۋەتتى، نۇرغۇن شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەسىنى بۇزۇۋەتتى.

تېررورچى كۈچلەر تۇغدۇرغان بىر قاتار ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى دېلولىرى قانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولۇپ، كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى ۋە دىنىي ئەسەبىي قىلمىشلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە، جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدىغان ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

تۆتىنچى، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى

قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە بولغان جىددىي تەلىپىگە قارىتا، شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى.

شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىزم جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ يەنە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى چىقىرىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى كۈچلۈك قانۇن قورالىغا ئىگە قىلدى.

يۇقىرىدىكى قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، شىنجاڭ «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، ھەم پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى تولۇق ھۆرمەتلەپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى، ھەم ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، دىندىن پايدىلىنىپ ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى چەكلىدى. 2014- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىدىن 1588نى يوقاتتى، زوراۋان - تېررورچىدىن 12 مىڭ 995نى تۇتتى، پارتلىتىش قۇرۇلمىسىدىن 2052نى قولغا چۈشۈردى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتتىن 4858نى، ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئادەمدىن 30مىڭ 645نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇمىدىن 345مىڭ 229نى يىغىۋالدى.

شىنجاڭنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى باشتىن - ئاخىر پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ماسلاشتۇرۇلغان جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويغان باشلامچىلار، تايانچ ئەزالار، جىنايىتى ئېغىر، زورلارنى، شۇنىڭدەك ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، مەمۇرىي جازا، جىنايى جازا بېرىلگەنلەرنى ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنسىمۇ، يەنە زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر جازالىدى؛ جىنايىتى يېنىكرەك، خەۋپى ئانچە چوڭ بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ پۇشايمان قىلغانلارنى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قايمۇقتۇرۇلۇپ، مەجبۇرلىنىپ قاتناشقانلارنى قانۇن بويىچە يېنىك جازالىدى؛ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازالاپ، جىنايى جازانىڭ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقى بىلەن دەۋا قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، تەرتىپ ئادىللىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ قوغدالغانلىقىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇمى، قانۇنسىز دىنىي تور تەشۋىقاتىنى تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنى كۈچەپ توستى. دىنىي ئەسەبىزمنىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، ئۆيلىنىش، داۋالىنىش قاتارلىقلارغا ئارىلىشىۋېلىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئەسەبىيلىكنى قانۇن بويىچە تۈگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك نىزاملارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن چىقاردى ياكى تۈزەتتى. بۇ يەرلىك نىزاملاردا دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنىڭ چەك - چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» (سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - كىتاب ئۆيىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش، جۈمە مەسچىتىدە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەسى بولۇش، تۇرۇبىلىق ھاجەتخانا بولۇش)، توققۇزنى سەپلەش(تېببىي دورا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، كومپيۇتېر، شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، تەبىئىي گاز، ئىچىملىك سۇ ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلىمىسى ياكى ئاياغ قاپلىما ماشىنىسى، نەرسە ساقلاش ئىشكاپىنى سەپلەش) خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش تېررورىزمغا زەربە بېرىشنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئەۋج ئالدۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى قاندۇردى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى.

بەشىنچى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى

تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئوخشاش بولمىغان دىن، مەدەنىيەت، جەمئىيەتنىڭ سىغىشالمايدىغانلىقىنى تەرغىب قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىززىتىگە خىرىس قىلىپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم دۇنياۋى مەسىلە، ھەم دۇنياۋى قىيىن تېما. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەت ياكى رايونلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ كونكرېت يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (288/60) توغرىسىدىكى قارارىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «تېررورىزمنىڭ يامراش شارائىتىنى يوقىتىش، تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش»كە كۈچىدى. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى(تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەلىم - تەربىيە مەركىزى» دېيىلىدۇ)نى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدا بەزى جايلار ئىلگىرى تېررورىزمنىڭ زىيىنىغا بىرقەدەر ئېغىر ئۇچراپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە سىڭىپ كىرىپ، كاشىلا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا 3 يىلدا(2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە) 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچىدىن 75 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە شىنجاڭ بويىچە شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ 800 ئادەم قېتىمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 8 مىليون 305 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭدا شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن 3 يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى يولغا قويدى؛ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 15 خىل ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى سىجىل ئۆستۈردى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.

قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ يېزىلىرىدا پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى بىرقەدەر ئاجىز، قانۇن بىلىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئاسانلا تېررورچى كۈچلەر، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى ۋە مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ جىنايەت يولىغا ماڭغان. شىنجاڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسى نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر قانۇنچىللىق تەربىيە - ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «<دۆلەت ئورگىنىدا قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، شۇ ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق نىزام، ھۆججەتلەرنى چىقاردى. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە يۈزلىنىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشنى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنچىللىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ + ئالاقە تورىنى تارقىتىش سۇپىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تايانچ قىلىپ، «ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىلى» «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتى ئېيى» «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» «قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش» «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قانۇنچىللىقنى سۆزلەش» «بازاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى پائالىيەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قانۇنلۇقلىرى بىلەن قانۇنسىزلىرىنىڭ چەك - چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىپ، جىنايى قىلمىشى يېنىك ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ساقلاپ قېلىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بىخ ھالىتىدە تىرىشىپ يوقاتتى. نۆۋەتتە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقانلار مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى، كۈشكۈرتۈش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش بىلەن تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ قىلمىشى يېنىك بولغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرى. ئىككىنچى، كۈشكۈرتۈش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش بىلەن تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن رېئال خەۋپى بولسىمۇ، ئەمەلىي خەۋپ ئاقىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ئېغىر بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ پۇشايمان قىلغان، قانۇن بويىچە جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان، تەربىيەنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىرى. ئۈچىنچى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىزم جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، جەمئىيەتكە يەنىلا خەۋپ يەتكۈزۈش خەۋپى بار دەپ باھالانغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەربىيەلىنىدۇ دەپ قارار قىلغانلار. بىرىنچى، ئۈچىنچى خىلدىكى كىشىلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 29-، 30- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيەسى بېرىلىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ماسلاشتۇرۇلغان جىنايى ئىشلار سىياسىتى، ئاز ساندىكىلەرگە زەربە بېرىش، كۆپ ساندىكىلەرنى قۇتقۇزۇۋېلىش بويىچە، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، تەربىيەلىنىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىشنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ شەرتى قىلىپ، قانۇن بويىچە جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى بېرىلدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تەلىم - تەربىيە ئاپپاراتى. تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن تەربىيەلەش كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق، تەربىيەلەش نىشانى، تەربىيەلەش شەكلى، تەربىيە تاماملاش ئۆلچىمى، باھالاش شەكلى ئېنىق بېكىتىلىدۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەر باھالاش ئارقىلىق ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، تەربىيە تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىنىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دەرسلەر تەسىس قىلىندى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، نوپۇزلۇق كەسپىي تېخنىكلار سەپلەندى، ئوقۇتۇش لايىھەسى بىرتۇتاش بېكىتىلدى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى تۈزۈپ بېسىلدى، دەرس ئۆتۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، تۈرگە ئايرىپ، ئادەمگە قاراپ تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، دەرس ئۆتۈشنىڭ، ئۆگىنىشنىڭ ئۆلچەملىشىشى ۋە قېلىپلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۆگىنىش، تەربىيەلەش جەريانىدا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكىچە، ئاندىن كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشتەك ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۆسۈش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى.

بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش سەۋىيەسى ناچار بولۇش، زامانىۋى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارغا بېرىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش يولىنى كېڭەيتتى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئوبدان ئۆگەنگەندىلا، ھازىرقى زاماندىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلدى. سودىيە، پىروكۇرور، ئادۋوكات قاتارلىقلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆيلىنىش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملار توغرىسىدا دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېررورىزم، ئەسەبىزم بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقارغان «شەرىئەت، ئائىلە قائىدىسى»نى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، دۆلەت قانۇنىغا پىسەنت قىلمىغان ھەتتا قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاشىلا قىلغان، بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت پۇقراسى بولغان ئىكەن، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتتى.

بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىغا ئاساسەن، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - باش كىيىمى تىكىش، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، بەت ياساش - بېسىش، پەرداز قىلىش - چاچ ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئارزۇسى بار، شارائىت ھازىرلىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كۆپ خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن 1 - 2 كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى دەرس ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى، بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىدى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەلىم - تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن - نىزاملار، مىللەت - دىن سىياسىتى ۋە دىن بىلىملىرىنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆگىتىش ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىنى ئېچىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى، بۇ ئارقىلىق ئۇلار تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى ياتاقلىق تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېتەكچى، دوختۇر، ئارقا سەپ مۇلازىمەت باشقۇرغۇچىسى قاتارلىقلارنى سەپلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نورمال ئۆگىنىشى، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيىگە قەرەللىك قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە زال ئىچى - سىرتى تەنتەربىيە - مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى قۇرۇلغان بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى دۆلەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەربىيە بىلەن دىننى ئايرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا يول قويمىدى.

ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك قوللىنىلغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازايدى، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىش جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلاندى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ئالتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى

شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىشنى تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشتىن باشلاپ، تېررورىزمغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، بىر يۈرۈش تەجرىبىلەر ۋە ئۈنۈملۈك چارىلەرنى شەكىللەندۈردى.

− تېررورىزمغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرمىغاندا، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىشىلىك ھوقۇقنى تۈپتىن قوغدىغانلىق. ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدا تېررورلۇق ھەرىكىتى كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، تىنچ، ئىناق تەرتىپكە، ئىتتىپاق بولغان، ئالغا باسقان كەيپىياتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى. تېررورىزمنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە قاتتىق مۇداپىئەلىنىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن قوللىنىپ، تېررورچى كۈچلەرگە باشتىن - ئاخىر ھەيۋە كۆرسىتىش ھالىتىنى ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئىناق بولدى. 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە «ئېتىلىش خاراكتېرلىك» ئېشىش بارلىققا كېلىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك ساياھەتچى 2 مىليون 403 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.78 ئاشتى، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 252 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.6 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ بىر تەرەپتىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئائىت نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورىزم قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى چەكلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشنى كاپالەتلەندۈردى، نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈردى.

− تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مۇئەييەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن باغلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا: تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى سەۋەب قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. بىر تەرەپتىن، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە، شىنجاڭ ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشىنى چەكلىدى؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈزۈملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى چەكلىدى؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىگە ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلەپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ دىن ۋە دىنىي ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى توستى. يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق پۈتۈنلەي پۇقرالارنىڭ ئۆز تاللىشىدا بولدى، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمىدى. شىنجاڭ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش - تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتى، ئېتىقاد ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى.

− كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئالدىنى ئېلىش، تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. شىنجاڭ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ماسلاشتۇرۇلغان جىنايى ئىشلار سىياسىتى ۋە تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش تەدبىر - ئۇسۇللىرىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان، جاھىل، ئۆزگەرمەيدىغان ئاز ساندىكى كاتتىباشلىرى، تايانچلىرىنى قاتتىق جازالاپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى؛ جىنايىتى يېنىكرەك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە قارىتا تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش، قوغداشنى ئاساس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى، قانۇن ئۆگىنىشى، ئەمگەك ماھارىتى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىتتىرىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى تارتىش ئۇسۇلى بىلەن، قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن، تاشلىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆيۈنۈش ئۇسۇلى بىلەن ياردەم - تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتتى. ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۆز - ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، ئۇلارنى تېررورىزمنىڭ تەسىرى، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتى، ناچار ئۆرپ - ئادەتنىڭ چەكلىمىسىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتۇلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، تۇرمۇش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىنى تولۇق نامايان قىلدى.

− مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. خەلقنىڭ بەختلىك ياشىشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدىكى بەزى جايلار ئىلگىرى بىر مەزگىل تېررورىزمنىڭ زىيىنىغا بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغانلىقتىن، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، كاشىلىسىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقتىن، بىر قىسىم ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، قانۇنچىللىق ئېڭى سۇس، كەسپىي ماھارىتى يېتەرسىز، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلىقتىن، ئوڭايلا تېررورچى كۈچلەر ۋە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى، مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ جىنايەت يولىغا ماڭغان. جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ روھىي قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال ئىنتىلىدىغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، مىللەتلەر تېخىمۇ ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

يەتتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتناشتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزم پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېغىر، زور ئاپەت كەلتۈردى. 2001- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئامېرىكىدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2996 ئادەم ئۆلدى. 2002- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 202 ئادەم ئۆلدى. 2004- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پويىز چاتما پارتلىتىش دېلوسىدا 190 ئادەم ئۆلدى، 1500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. 2004- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى، رۇسىيەنىڭ بېسلان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن 186ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 335 ئادەم ئۆلدى، 958 ئادەم يارىلاندى. 2005- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە يۈز بەرگەن چاتما پارتلىتىش دېلوسىدا 52 ئادەم ئۆلدى، 700دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. 2008- يىلى 11 - ئاينىڭ 26- كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن چاتما تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىدا 195 ئادەم ئۆلدى، 300گە يېقىن ئادەم يارىلاندى. 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش - ئېتىش ۋەقەسىدە 77 ئادەم ئۆلدى. 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 72 ئادەم ئۆلدى، 168 ئادەم يارىلاندى. 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە يۈز بەرگەن يۈرۈشلۈك تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 132 ئادەم ئۆلدى، 300دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە يۈز بەرگەن چاتما پارتلىتىش دېلوسىدا 35 ئادەم ئۆلدى، 300دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 12 ئادەم ئۆلدى، 49 ئادەم يارىلاندى. 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 39 ئادەم ئۆلدى، 69 ئادەم يارىلاندى. 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، مىسىرنىڭ شىمالىي سىناي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 235 ئادەم ئۆلدى، 109 ئادەم يارىلاندى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى پۈتۈن دۇنيادا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن 1127سى يۈز بېرىپ، 13مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

تېررورىزم، ئەسەبىزم بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىر چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سالدى، دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مۇئەييەن دۆلەت، مىللەت، دىن بىلەن باغلاشقا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەم تېررورىزم ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كۈچەپ، تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللايدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ پىرىنسىپى، مىزانىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار قارارلارنى قوللايدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو «تېررورىزملىق پارتلىتىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «تېررورىزمغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «يادرو تېررورلۇق ھەرىكىتىنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىگە قاتناشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن «تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش تەسەۋۋۇرى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش بويىچە 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىروگراممىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى. جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، چېگرا مۇداپىئەسى بىرلەشمە ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش، چوڭ تىپتىكى خەلقئارا پائالىيەتلەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش، ئاخبارات ئالماشتۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مېخانىزملىرى ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ رايونى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا رايونلار ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە نىشانلىق ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاخبارات - ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، چېگرانى بىرلىشىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش - تۇتۇش، تېررورلۇق مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش، قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ھەمكارلىشىش، دۆلەت ھالقىغان نېفىت - گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ۋە ھەمكارلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە تۆھپە قوشتى.

ئاخىرقى سۆز

شۇنىسى شۈبھىسىزكى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى.

بۈگۈنكى دۇنيادا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ، كارى بولماي تۇرالمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قوش ئۆلچەم»نى چۆرۈپ تاشلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىيالايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت، «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى يەنىلا پۇرسەت تېپىپ ۋەقە تۇغدۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن، مۇرەككەپ. شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.