ئىككىنچى بالىغا ھامىلىدار بولغانلار دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

日期:2018年11月16日
来源:天山网
【字体:

 شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «تۇنجى بالامغا ھامىلىدار چېغىمدا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدىم، بالىنى تۇغۇپ بولۇپ ياخشى بولۇپ قالغان، ھازىر يەنە ھامىلىدار بولسام بالىغا تەسىرى بولامدۇ؟» 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، 39 ياشلىق ھامىلىدار ئايال دۇڭ يۆ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيەت نەق مەيدانىدا تەپسىلىي مەسلىھەت سورىدى.

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۇنيا دىيابېت كۈنى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىككىنچى بالىغا ھامىلىدار بولغانلار دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما، دىيابېت ئىلمى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنلىڭ مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلى ھامىلىدار ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان شېكەر مېتابولىزمى بىنورمال بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، ئىككىنچى بالىغا ھامىلىدار بولغاندا قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، كۆپىنچىسى تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلسىمۇ، ئەمما كېيىنچە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ».

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ئاز ئەمما كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئۇسۇلىدا قان قەنتىنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىشى، تەركىبىدە ۋىتامىن، تالا ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئىسسقلىق ئېنېرگىيەسى، ماي، ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەكشى سۈمۈرۈلۈشىنى كونترول قىلىپ، كۈندە يېرىم سائەت ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن مېتابولىزمىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.