دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

日期:2018年11月15日
来源:天山网
【字体:

  خارۋارد داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەن. ھەركۈنى 16 گىرام دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا %7، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى %9، راك كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %5 تۆۋەن بولىدىكەن. ئەگەر ھەركۈنى 48 گىرام دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى %20، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى %25، راك كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى %14 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى