سۈت ئىچىپ پىيادە مېڭىپ بەرگەندە، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

日期:2018年11月15日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

 ياپونىيە كيۇسيۇ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ياپونىيە فۇكۇئوكا ناھىيەسىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنى 24 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىشتىن بايقىشىچە، سىقىش كۈچى ئاجىز بولغانلارنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. سىقىش ئىنكاسىدىن ئادەمنىڭ يادرولۇق كۈچىنى بىلگىلى بولىدىغان بولغاچقا، مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

  ياشانغانلارنىڭ مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدىغان ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە: ئازراق ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا تېز سۈرئەتتە مېڭىش، ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن ئاستا مېڭىش، مۇشۇنداق ھەركۈنى 15 مىنۇتتىن ھەر ھەپتىدە 4 قېتىم مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە مۇسكۇلنىڭ كۈچى %10 ئاشىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق مېڭە قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، مۇسكۇلنىڭ كۈچلۈك تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق ئاقسىل مەنبەسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. ھەركۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىدىغانلارنىڭ ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن. سۈت پىيادە مېڭىش ئۇسۇلىغا ياردەم بېرىپ، مۇسكۇلنىڭ سىقىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى