جاۋىغاي يارىسى بولغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن ‏B2‎‏ تولۇقلىسا بولىدۇ

日期:2018年11月15日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئادەم بەدىنىدە مەلۇم ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا، ھەمىشە مۇناسىپ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىتامىن B2 كەمچىل بولغاندا دائىم تېرە شىللىق پەردە ياللۇغى، مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئېغىز يارىسى بولغاندا بەزى كىشىلەر بىر نەچچە يۈەنگە ۋىتامىن B2 سېتىۋېلىپ، ئېغىز يارىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ.

  جۇڭشەن داشۆسى 6-شۆبە دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى شياۋيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋىتامىن B2 يەنە رىبوفلاۋىن دېيىلىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە تېرە شىللىق پەردىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ قايتا ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىدۇ. ئەگەر ۋىتامىن B2 كەمچىل بولسا، ئاسانلا جاۋىغاي يارىسى، كالپۇك قۇرۇپ يېرىلىش، بىرىكتۈرگۈچ پەردە ياللۇغى، مايلىق تېرە ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلار پەيدا بولىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى