موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدىكى چارۋىچىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچتى

日期:2018年11月06日
来源:天山网
【字体:

  ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز لى ۋېنۋۇ، چېن فاڭ خەۋىرى، فوتوسى: 11-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە ئۇدا قار ياغدى، لەپىلدەپ ياغقان قار موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ بىر قىسىمىنى قاپلىدى، قېلىن قار ياغقاندىن كېيىن، چارۋىچىلار چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچتى. بۇ چاغدا ئاقياز قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئەركىن چېپىپ يۈرگەن ئاتلار، قوي پادىلىرى، كەڭ كەتكەن يايلاق، يىراقتىكى قارلىق تاغ قوشۇلۇپ، باشقىچە گۈزەل بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.