ئالتۇن كۈز . رەڭلەنگەن توغراق

日期:2018年11月06日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسى سوخۇ يېزىسىدىكى توغراق مۇھاپىزەت رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى (بوشلۇقتىن تارتىلغان)

  ئۆز خەۋىرىمىز. شىنجاڭ تارىم دەرياسى بويىدىكى تەبىئىي ياۋا توغراقلىق ئالتۇن كۈزدە گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. بۈگۈر ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، بۇ يەردە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ زىچ، ئەڭ ياخشى ساقلانغان «3-دەۋر تىرىك قاتمىسى» ـــ 400 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى تەبىئىي توغراقلىق بار. توغراق 3-دەۋردىن قېپقالغان قەدىمىي دەرەخ تۈرى بولۇپ، ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزۇن بولىدۇ، قۇم-بوران ۋە قۇرغاق كىلىمات تەسىرىدە نۇرغۇنلىغان توغراقلار غەلىتە شەكىلدە ئۆسكەن. توغراق توغرىسىدا «توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يېقىلمايدۇ، يېقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دېگەندەك قاراشلار بار. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە ئالتۇن رەڭ توغراقلار قۇملۇق ۋە ئېقىن بىلەن بىرلىشىپ، بىر پارچە گۈزەل رەسىمگە ئوخشاش جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.