ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ شياۋجۈەن خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر دەرياسى بويىدىكى ئوت-چۆپلەر باش قىشتا سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ماڭغاندا كالا، قوي، تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بەخىرامان ئوتلاۋاتقانلىقىنى، ياۋا توشقان ۋە باشقا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى ياكى توپ بولۇپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنىڭ سايرىشىپ، تىپتىنچ دەريا ۋادىسىغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.