قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سوپۇنغا قارىغاندا بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق

日期:2018年11月07日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكىنىڭ «بالىلار كېسەللىكلىرى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سوپۇنغا قارىغاندا بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بولسا سۇدا قولنى چايقىمىسىمۇ بولىدىغان، قولغا ئېلىپ سۈركىسىلا بولىدىغان سۇيۇقلۇقتۇر.

    ئامېرىكا نيۇيورك لېنوكس تېغى دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 3 ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان ئىسپانىيەلىك 900 بالىنى سەككىز ئاي ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. سىناققا قاتناشقان بالىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، يەنى بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلار قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولىنى يۇيغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلار سوپۇن بىلەن قولىنى يۇيغان، بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى بالىلار قولىنى يۇيغاندا بېكىتىپ بەرگەن ئۆلچەمگە قاتتىق رىئايە قىلغان، ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكى بالىلار يەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە قول يۇيغان بولۇپ، ئۇلارغا ئالدىنقى ئىككى گۇرۇپپىغا ئوخشاش قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغان. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار ئۈچ گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كەلمىگەن كۈن سانىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يەسلىگە كەلمىگەن كۈن سانى نىسبىتىنىڭ قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولىنى يۇيغان گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن(%3.25)، سوپۇندا قولىنى يۇيغان گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىدا (%3.9)، تەلەپ قاتتىق قويۇلمىغان گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى (%4.2) ئىكەنلىكىنى بايقىغان. قولىنى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيغان بالىلارنى قولىنى سوپۇن بىلەن يۇيغان گۇرۇپپىدىكى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ نەپەس يولى سىسىتېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %21 يۇقىرى بولغان، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئانتىبىيوتىك دورا رېتسېپلىرىنى كېسىپ بېرىش نىسبىتى %31 يۇقىرى بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىلدۈردى، يەسلىگە بارماسلىق نىسبىتى بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى بالىلار كۆپ ھاللاردا ئاغرىپ قالغاندا يەسلىگە بارمايدۇ. يېڭى تەتقىقاتتا دەلىللىنىشىچە، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپرت بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن. ئامېرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق كۆرسەتتى، ھەرقانداق مەھسۇلاتتا قول يۇيۇشتا توغرا ئۇسۇلدا يۇيۇش ئەڭ مۇھىم. قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قول يۇيغاندا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قولنىڭ ھەممە يېرىگە سۈرۈپ قۇرۇتۇش كېرەك؛ ئەگەر سوپۇن بىلەن قول يۇيغاندا سوپۇننى قولغا ئاز دېگەندە 20 سېكۇنت سۈرۈپ يۇيۇش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى